ياپونىيىدىكى يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسى قازاسى ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ دىققەت-نەزىرىنى يەنە بىر قېتىم خىتاينىڭ لوپنۇردا ئېلىپ بارغان يادرو سىناقلىرىنىڭ قالدۇق تەسىرگە مەركەزلەشتۈردى

يېقىندا ئامېرىكىنىڭ مارىلاند شتاتىدىكى بىر مۇھىت كۆزىتىش ئورگىنى ھاۋا تەركىبىدىكى رادىئوئاكتىپ زەررىچىلەرنىڭ تۇيۇقسىز كۆپىيىپ، نورمال ئەھۋالدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى بايقىغان ئىدى.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2011.04.06
yapon-yer-tewresh-yadro-305.jpg كىشىلەر گاز ماسكىسى تاقاپ توكيو يادرو ئېلېكترى باش شىركىتىنىڭ ئالدىدا يادرو ئېنېرگىيىسىگە قارشى نامايىش قىلماقتا. 2011-يىلى 27-مارت.
AFP

مەزكۇر كۆزىتىش ئورگىنىدىكى مۇتەخەسسىسلەر قايتا-قايتا ئۆلچەش ئارقىلىق ھاۋا تەركىبىدىكى رادىئوئاكتىپ زەررىچىلىرىنىڭ ياپونىيىدىكى فۇكۇشىما يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسىدا يۈز بەرگەن يادرو قازاسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى، مەزكۇر يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسىدىن چىققان يادرو زەررىچىلىرىنىڭ ھاۋا ئېقىمىدا سۈرۈلۈپ، مارىلاند شتاتىغا قەدەر يېتىپ كەلگەنلىكىنى بايقىغان. تەتقىقاتچىلار، ھاۋا تەركىبىدىكى رادىئوئاكتىپ زەررىچىلەرنىڭ ئادەم سالامەتلىكىگە زىيان يەتكۈزۈش دەرىجىسىدە ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ ھادىسە «بالتىمور قۇياشى» قاتارلىق مارىلاندتىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە كەڭ خەۋەر قىلىندى.

ھالبۇكى مارىلاند شتاتىنىڭ ھاۋا تەركىبىدىكى رادىئوئاكتىپ زەررىچىلەرنىڭ كۆپىيىپ كېتىش ھادىسىسىنى بايقىغان كىشى بىر ئۇيغۇر. بۇ ھادىسىنى بايقىغان ئابدۇراخمان ئابلىمىت، مارىلاند شتاتىنىڭ ھاۋادىكى رادىئوئاكتىپ ھادىسىلەرنى كۆزىتىش ئورنىنىڭ مۇتەخەسسىسى. ئۇ بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رادىئويىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ياپونىيىدىكى يادرو قازاسى، نەچچە 10 يىللار يادرو چاڭ-توزانلىرىنىڭ ئىچىدە ياشىغان ئۇيغۇرلاردا رادىئوئاكتىپ ھادىسىلەرگە بولغان چۈشەنچىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ۋە لوپنۇردىكى يادرو سىناقلىرىنىڭ قالدۇق تەسىرى ئۈستىدە ئويلىنىشنىڭ قانچىلىك مۇھىملىقىنى نامايان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇيغۇرلارنىڭ رادىئوئاكتىپ چاڭ توزانلارنىڭ مۇھىت ۋە جانلىقلارغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى كۆزىتىش ۋە بۇ ساھەدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئىمكانىيىتى ئاساسەن يوق، دېيەرلىك. شۇڭا مۇتلەق كۆپچىلىك ئۇيغۇرلارنىڭ رادىئوئاكتىپ زەررىچىلەرنىڭ تارقىلىپ، ئەتراپتىكى مۇھىت ھەم جانلىقلارغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى دائىر چۈشەنچىسى چەكلىك. ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ لوپنۇردىكى يادرو سىناقلىرى سەۋەبلىك ئۇزۇن يىللار رادىئوئاكتىپ چاڭ-توزانلارغا ئىچىدە ياشاشقا مەجبۇر بولغان بولسىمۇ، لېكىن يۇقىرىقى ساھە ھەربىي مەخپىيەتلىك، دەپ قارىلىپ، پۈتۈنلەي خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مونوپولىيىسىدىكى ساھە بولۇپ كەلگەن ئىدى.

لېكىن يېقىندا يۈز بەرگەن ياپونىيىنىڭ فۇكۇشىما يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسىدىكى يادرو قازاسى ۋە فۇكۇشىمادىن تارقالغان رادىئوئاكتىپ زەررىچىلىرى ئامېرىكىنىڭ شەرقىدىكى مارىلاند شتاتىغا قەدەر يېتىپ كېلىشى، بۇ ساھەدە خىزمەت قىلىدىغان چەتئەلدىكى بەزى ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ دىققەت نەزىرىنى يەنە بىر قېتىم لوپنۇردىكى يادرو سىناقلىرىنىڭ قالدۇق تەسىرىگە دائىر مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈردى. بۇ شەخسلەرنىڭ بىرى مارىلاند شتاتىدىكى رادىئوئاكتىپ ھادىسىلىرىنى بايقىغان ئابدۇراخمان ئابلىمىت ئەپەندى. ئۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.