ئەرزدار ئابدۇرېھىم موللەك ئاكا يەر مەسىلىسى بىلەن 12 ‏-قېتىم يەنە بېيجىڭدا

ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئونسۇ ناھىيە قىزىل دېھقانچىلىق مەيدانىدىن بۇرۇن بېيجىڭغا 11 قېتىم ئەرز قىلىپ كەلگەن 84 ياشلىق ئەرزدار ئابدۇرېھىم موللەك ئاكا، 4 ئاينىڭ ئالدىدا بېيجىڭدىن تۇتۇپ كېتىلگەن ۋە يۇرتىغا بارغاندا، يېڭى مەيدان باشلىقى ئۇنىڭ يەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ بېرىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن ۋە ئۇنىڭدىن ئەرز قىلىشتىن توختاشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2010.12.30
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
Abdurehim-Mollek-boway-Beijing-kowruk-astida-305 ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﯦﻬﯩﻢ ﺑﻮﯞﺍﻳﻨﯩﯔ ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﺪﯨﻜﻰ "ﺋﻪﺭﺯﺩﺍﺭﻻﺭ" ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯚﯞﺭﯛﻙ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﺑﻮﺷﯜﻥ ﺗﻮﺭﻯ ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﻯ 18 - ﺋﺎﯞﻏﯘﺳﺖ ﺗﺎﺭﺗﻘﺎﻥ ﺳﯜﺭﯨﺘﻰ.
http://news.boxun.com ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

يېڭى مەيدان باشلىقى ئۇنىڭ يەر مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا، پەقەت ئۇنىڭ 4 ئوغلىنىڭ جايلىق يېرى ۋە 70 مو تېرىلغۇ يېرىنى ھەل قىلىپ بەرگەن. ئەسلىدە ئابدۇرېھىم ئاكىنىڭ قولىدىن تارتىۋېلىنغان يەرنىڭ ئومۇمى كۆلىمى 220 مو بولۇپ، ئابدۇرېھىم ئاكا مەسىلىنىڭ بۇ خىل ھەل بولۇشىدىن رازى بولمىغان. ئۇ قولىدىن كەتكەن يېرىنى تولۇق قايتۇرۇۋېلىش مەقسىتىدە ئۆتكەن ھەپتە بېيجىڭغا 12-قېتىم سەپەر قىلىپ، ئەرزىنى قايتىدىن باشلىغان.

ئابدۇرېھىم ئاكا بوز يەر ئېچىپ تېرىلغۇ يەر كۆلىمىنى 220 موغا يەتكۈزۈش جەريانىدا، 20 يىلغا يېقىن ۋاقىت سەرپ قىلغان. بانكىدىن كۆپ مىقداردا قەرز ئېلىپ، دەسمايە سالغان. 1998 ‏-يىلى ئۇنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرى قولىدىن تارتىۋېلىنىپ، گەنسۇدىن كەلگەن خىتاي كۆچمەنلىرىگە بېرىۋېتىلگەندە، ئۇ 5 ئوغلى بىلەن بىرلىكتە جاي-ماكانسىز ۋە يەرسىز قالغان. ئۇ ئۇنىڭدىن كېيىنكى ھاياتىنى ئەرز ئىشلىرى بىلەن ئۆتكۈزۈپ يەنە كۆپلىگەن قەرزلەرگە بوغۇلغان. بىز ئابدۇرېھىم ئاكا بىلەن بىر ئاينىڭ ئالدىدا سۆزلەشكىنىمىزدە، 220 مو يېرى تولۇق قولىغا قايتىپ كەلمەي تۇرۇپ، ئۆزى ۋە پەرزەنتلىرىنىڭ ۋەيرانچىلىقتىن قۇتۇلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئابدۇرېھىم ئاكا 12 ‏-قېتىملىق ئەرز سەپىرى ئۈچۈن يولغا چىققاندا، يەرلىك دائىرىلەر ئۇنى يولىدىن توسۇشقا يەنە ئۇرۇنۇپ باققان، ئەمما ئۇ، يەرلىك دائىرىلەرنىڭ ئالداش ۋە قايمۇقتۇرۇشلىرىنى بايقىۋېلىپ، يولىدىن يانمىغان ۋە ئۆتكەن ھەپتە بېيجىڭغا يېتىپ كەلگەن.

ئابدۇرېھىم ئاكىنىڭ بېيجىڭدا ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ تۇرۇۋاتقان ئوغلىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەيدان باشلىقى خەن جيامېننىڭ زوراۋانلىقلىرى ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىتىپلا قالماي، ئابدۇرېھىم ئاكىنى روھىي جەھەتتىنمۇ قاتتىق ئازابلىغان. گەرچە، خەن جيامېن ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان بولسىمۇ، ئابدۇرېھىم ئاكا خەن جيامېندىن تارتقان ئازاب ۋە خورلۇقلىرىنى تېخىچە ئېسىدىن چىقىرالمىغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.