ئۈچەي راكىغا گىرىپتار بولغان ئانا ئاق قان كېسىلى بىلەن ئاغرىغان ئوغلى ئابدۇۋەلىنى قۇتقۇزۇۋېلىشنى مۇراجىئەت قىلدى

تەڭرىتاغ تور بېتىدە "ئابدۇۋەلىگە ياردەم قولىمىزنى سۇنايلى" ناملىق مۇراجىئەتنامە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولغان 8 ياشلىق ئابدۇۋەلى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ پاجىئەلىك قىسمىتى، خەۋەرنى ئاڭلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ خەيرىخاھلىقىنى قوزغىغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯩﻬﺮﯨﺒﺎﻥ
2010.03.31
Aq-qan-késili-bilen-aghrighan-osmur-abduweli-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺋﺎﻕ ﻗﺎﻥ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﮕﻪ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ 8 ﻳﺎﺷﻠﯩﻖ ﺋﺎﺑﺪﯗﯞﻩﻟﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻏﺎ ﺧﺎﺱ ﺋﻮﻣﺎﻕ ﻛﯜﻟﻜﯩﺴﻰ ﮔﻪﯞﺩﯨﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﯜﺭﯨﺘﻰ.
www.xjtsnews.com ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

بۈگۈن ئۈچەي راكىغا گىرىپتار بولغان بولسىمۇ، ئوغلىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن داۋالىنىشنى رەت قىلغان روزىنىساخان خانىم ۋە ئۇنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرى، رادىئومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىدىن نارەسىدە ئابدۇۋەلىنىڭ كېسىلىنى داۋالاشقا ساخاۋەت قولىنى سۇنۇشنى مۇراجىئەت قىلدى.

تەڭرىتاغ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان ئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولغان 8 ياشلىق ئابدۇۋەلىگە ئائىت خەۋەردىكى چاچلىرى چۈشۈرۈۋېتىلىپ، خىمىيىلىك داۋالاشنى قوبۇل قىلىۋاتقان ئابدۇۋەلىنىڭ، بالىلارغا خاس سەبى ئوماق كۈلكىسى بىلەن، تىكىلىپ تۇرغان رەسىمىنى كۆرگەن كىشىلەر بۇ ئائىلىنىڭ بېشىغا شۇ قەدەر ئېغىر كۈلپەتلەرنىڭ كەلگىنىنى تەسەۋۋۇر قىلالمىسا كېرەك.

تەڭرىتاغ تور بېتىنىڭ مۇخبىرى نىجات نىياز تەرىپىدىن يېزىلغان بۇ خەۋەردە دېيىلىشىچە، ھازىر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى ئۇنىۋېرسال بالنىست بۆلۈمى يەتتىنچى قەۋەت بالىلار بۆلۈمى 37 - كارىۋىتىدا، ئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولغىنى ئۈچۈن، خىمىيىلىك داۋالىنىشنى قوبۇل قىلىۋاتقان 8 ياشلىق ئابدۇۋەلىنىڭ دادىسى 2008 - يىلى يۈرەك كېسىلى بىلەن قازا قىلغان، ئانىسى رۇزىنىسا خانىممۇ 2008 - يىلى 11 - ئايدا تۈز ئۈچەي راكىغا گىرىپتار بولۇپ، ئۈچىيى ئوپېراتسىيە قىلىنغان. ئىقتىسادى ناچار بولغان روزىنىساخان ئۇرۇق ‏ - تۇغقانلىرىنىڭ ياردىمىدە كېسىلىنى داۋالىتىۋاتقان مەزگىلدە، 2010 - يىلى 1 - ئايدا ئوغلى ئابدۇۋەلىنىڭ قان راكىغا گىرىپتار بولغانلىقىنى بىلگەن. ئېغىر كېسەل ئازابىنى تارتىۋاتقان روزىنىساخان ئوغلى ئابدۇۋەلىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئۆز كېسىلىنى داۋالىتىشتىن ۋاز كېچىپ، ئوغلىنى قۇتقۇزۇشقا ئىقتىساد توپلاش ئۈچۈن يۇرتىغا كەتكەن.

بىز تور بېتىدە قالدۇرۇلغان ئادرېس ۋە تېلېفون نومۇرلىرى بويىچە، ئابدۇۋەلى داۋالىنىۋاتقان كېسەلخانا ھەم رۇزىنىسا خانىمنىڭ خوتەندىكى ئائىلىسىگە تېلېفون قىلىش ئارقىلىق، ئابدۇۋەلىنىڭ كېسىلىنى داۋالىتىش ئۈچۈن دوختۇرخانىدا جىيەنىگە قاراۋاتقان، رۇزىنىسا خانىمنىڭ ئىنىسى توختى يۈسۈپ، كېسەلخانىدىكى بىمارلار، خوتەندە ئوغلى ئۈچۈن پۇل توپلاۋاتقان روزىنىساخان ھەم ئۇنىڭ سىڭلىسى قاتارلىقلار بىلەن سۆھبەتلىشىش پۇرسىتىگە ئىگە بولدۇق.

ئابدۇۋەلى داۋالىنىۋاتقان بالنىستنىڭ تېلېفونىنى ئۇرغىنىمىزدا، تېلېفونىمىزنى دەل ئابدۇۋەلىگە قاراۋاتقان توختى يۈسۈپ ئۆزى ئالدى. توختى يۈسۈپ مۇخبىرنىڭ تېلېفوننى ئامېرىكىدىن ئەركىن ئاسىيا رادىئو ئىستانسىسىدىن ئۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلگىنىدىن كېيىن، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، نۆۋەتتە ئۆزلىرىنىڭ ئاچىسى ھەم ئۇنىڭ ئوغلى ئابدۇۋەلىنىڭ كېسىلىنى داۋالىتىش ئۈچۈن ئۇرۇق ‏ - تۇغقانلارنىڭ ياردىمىدە پۈتۈن ئىقتىسادىنى توپلاپ دوختۇرخانىغا كەلگەنلىكىنى سۆزلەپ بەردى.

توختى يۈسۈپ، ئابدۇۋەلىنىڭ كېسىلىنى داۋالىتىش ئۈچۈن ھەر قېتىملىق خىمىيىلىك داۋالاشقا 5000 يۈەندىن ھېسابلىغاندا، تەخمىنەن 200 مىڭدىن 300 مىڭ يۈەنگىچە خەلق پۇلى كېتىدىغانلىقىنى، ھازىر جەمئىيەتتىن ئىئانە قىلىنغان پۇلنىڭ 10 مىڭ يۈەن خەلق پۇلىغا يەتكەنلىكىنى بايان قىلدى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان رۇزىنىسا خانىم ئۆزىنىڭ 26 ياشقا كىرگەنلىكىنى، بۇ ئىككى يىل ئىلگىرى ئەمدىلا 28 ياشقا كىرگەن ئېرىنىڭ يۈرەك كلاپانى كېڭىيىپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن، داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتكىنىنى، ئارقىدىن ئۆزىنىڭ تۈز ئۈچەي راكىغا گىرىپتار بولۇپ، تۇغقانلىرىنىڭ ياردىمىدە كېسەل داۋالىتىۋاتقان مەزگىلدە، ئوغلىنىڭ بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغىنىنى بىلگىنىدىن كېيىن، ھازىر ئۆزىنىڭ پۇل توپلاش ئۇچۇن يۇرتىغا كەلگەنلىكىنى، ھازىرغىچە 3600 يۈەن خەلق پۇلى يىغىلغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئوغلىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئۆز كېسىلىنى داۋالىتىشتىن ۋاز كەچكەنلىكىنى بىلدۈرگەن رۇزىنىسا خانىم، ئۆزىنىڭ ئېرى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، ئىككى ئوغلى بىلەن ھاياتلىق ئۈچۈن تىرمىشىۋاتقانلىقىنى، ھازىر ئۆزىنىڭ پەقەت ئاشۇ نارەسىدە ئوغلى ئابدۇۋەلىنى قۇتقۇزۇۋېلىش ئارزۇسىنىڭلا بارلىقىنى، شۇڭا ياخشى نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ ياردەم قۇلىنى سۇنۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى مۇراجىئەت قىلدى.

رۇزىنىسا خانىمنىڭ سىڭلىسى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغىنىدا، ئاچىسىنىڭ ۋە ئۇنىڭ ئوغلىنىڭ كېسىلىنى داۋالىتىش ئۈچۈن بۇ ئائىلىنىڭ بارلىق ئىقتىسادىي قۇدرىتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، نۆۋەتتە پەقەت جەمئىيەتتىن كېلىۋاتقان ئىئانىگىلا تايىنىپ قېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

رۇزىنىسا خانىمنىڭ سىڭلىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىر ئۇلارغا ياردەم قولىنى سۇنغۇچىلار يەنىلا ئاشۇ ئاۋام ئۇيغۇر قېرىنداشلار ئىكەنلىكىنى، نۆۋەتتە ئۆزلىرىنىڭ ناھىيە تەۋەسىدىكى مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت ئىدارىلىرىغا، ئاچىسى ۋە ئۇنىڭ ئوغلىنى قۇتقۇزۇۋېلىشقا ئىقتىسادىي ياردەم تەلەپ قىلىپ، خەت يازغان بولسىمۇ، لېكىن مېيىپلار ئىدارىسى قاتارلىق جايلاردىن پەقەت تۇرمۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ياردەم بەرگەنلىكىنى، باشقا جايلاردىن ھېلىغىچە خەۋەر كەلمىگەنلىكىنى بايان قىلدى. مۇخبىر ئۇنىڭدىن ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئىدارىلەردىن ياردەم سوراپ خەت يازغان ياكى يازمىغانلىقىنى سورىغىنىدا، ئۇ ھازىرچە تېخى ئۇلاردىن ياردەم سوراپ خەت يازمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

قەدىرلىك ئوقۇرمەن دوستلار، تۆۋەندىكىسى ئابدۇۋەلىنىڭ ئانىسى رۇزىنىسا خانىمنىڭ ئادرېسى، مۇناسىۋەتلىك تېلېفون نومۇرى ھەم بانكا ھېسابات نومۇرى، ياردەم قىلغۇچىلارنىڭ ئابدۇۋەلىنىڭ تۇغقانلىرى بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
 
ئابدۇۋەلى ياتقان بالنىستنىڭ تېلېفون نومۇرى: 011 - 86 - 991 - 8521894
ئابدۇۋەلى ياتقان بالنىستنىڭ ئادرېسى: ئۈرۈمچى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى ئۇنىۋېرسال بالنىست بۆلۈمى 7 - قەۋەت بالىلار بۆلۈمى 37 - كارىۋات ( توختى يۈسۈپ ئارقىلىق ئالاقىلىشىڭ).

ئابدۇۋەلىنىڭ ئانىسى رۇزىنىسا خانىمنىڭ خوتەندىكى ئۆيىنىڭ تېلېفون نومۇرى : 011 - 86 - 903 - 2960702
ئابدۇۋەلىنىڭ ئانىسى رۇزىنىسا خانىمنىڭ خوتەندىكى ئۆيىنىڭ ئادرېسى: خوتەن ناھىيە سېغىزكۆل يېزا مىياڭخوجا كەنت توختى سەيپۇڭ ئائىلىسى.

تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورىنىڭ ئابدۇۋەلىگە ۋاكالىتەن تەسىس قىلغان پوچتا ئامانەت بانكىسىنىڭ كارتا نومۇرى: 6210988810000034808

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.
 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.