شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ۋە مەمتىلى تەۋپىقنىڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 110 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن خاتىرىلەش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
2011.10.24
ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ رايونىدىكى ئادىلە مەرمەرجى ئانادولۇ تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىغىن مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، يىغىنغا تۈركىيىنىڭ ئەنقەرە، ئىزمىر ۋە ئىستانبۇل قاتارلىق شەھەرلىرىدە خىزمەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر دوكتور ۋە پروفېسسورلار تەكلىپ بىلەن قاتناشتى ھەم مەرھۇم شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ۋە مەمتىلى تەۋپىق ئەپەندىلەرنىڭ ھايات-پائالىيەتلىرى توغرىسىدا مۇھىم سۆز قىلدى. يىغىنغا، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ ئىدارە ھەيئەت رەھبەرلىرى، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان ياشلار جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان سۆيگۈ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان ھەمكارلىق جەمئىيىتى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى، تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلات ۋە جەمئىيەتلەرنىڭ مەسئۇللىرى ھەم ۋەكىللىرى قاتناشتى.
يىغىنغا يەنە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە ئىستانبۇلنىڭ ھەر قايسى ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن كۆپ ساندا كىشى ئىشتىراك قىلدى.
يىغىن شېھىتلەر ئۈچۈن ھۆرمەت بىلدۈرۈپ بىر مىنۇتلۇق سۈكۈتتە تۇرۇش ۋە ئىستىقلال مارشى ئوقۇش بىلەن باشلاندى. يىغىندا شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ رەئىسى ئىلغار ئالىپ تېكىن ۋە ئىزمىر ئەگې ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندىلەر ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى.
پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت سۆزدە مۇنداق دېدى: ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ۋە مەمتىلى تەۋپىق ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە ئۇيغۇر مائارىپ ئاقارتىش ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىلىرىدىن ئىدى. بىرى 1933-يىلى، يەنە بىرى 1937-يىلى خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن شېھىت قىلىندى. ئۇلار شېھىت قىلىنغان ۋاقتىدا تېخى ياش ۋە چەبدەس يىگىتلەر ئىدى، ئۇلار قىسقا ھاياتىدا نۇرغۇن ئىشلارنى قىلدى. ئۇلار ئۇيغۇر تىلى ۋە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى شۇنداقلا ئۇيغۇر مىللىي مائارىپ ھەرىكىتى ئۈچۈن دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ سەرپ قىلدى. بۇ قەھرىمانلىرىمىزنى خاتىرىلەش، باشقىلارغا ئەسلىتىش، ھايات ئىش ئىزلىرىنى ئۆگىنىش، تەتقىق قىلىش ۋە يېڭى ئەۋلادلارغا ئۆگىتىش بىزنىڭ مىللىي ۋەزىپىلىرىمىزدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. بۈگۈن بۇ يەرگە شۇ مەقسەتتە جەم بولدۇق. بۇ يىغىنغا قاتنىشىش بىلەن چوڭ بىر مىللىي ۋەزىپىنى ئادا قىلغان بولدۇق.
يىغىندا، تۈركىيە بېيكەنت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور مەغپىرەت كامال خانىم، «شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ۋە مەمتىلى تەۋپىق ئەپەندىنىڭ ھايات ئىش-ئىزلىرى» دېگەن تېمىدا، پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت، «ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ مىللەتپەرۋەرلىك ئېڭى» دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى.
ھاجەتەپپە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ بۆلۈمىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ياشىغان دەۋردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى توغرىسىدا سۆز قىلدى. يىغىندا يەنە ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ئەمەت «چاغداش ئۇيغۇر ئەدەبىياتى» دېگەن تېمىدا، دوكتور ئالىمجان ئاتاۋۇللاھ ۋە دوكتور ئابدۇلھەمىت ئاۋشار، شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ۋە مەمتىلى تەۋپىقنىڭ ھايات-پائالىيەتلىرى توغرىسىدا سۆز قىلدى.
بىز بۇ يىغىن ئاخىرلاشقاندا، يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ رەئىسى ئىلغار ئالىپتېكىن ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.