ئاچچىقسۇدىن زەھەرلىنىپ ئۆلگۈچىلەر سانىنىڭ ئېشىپ كېتىشىگە ۋەقەنى يوشۇرۇش سەۋەب بولغان
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2011.11.23
2011.11.23
مانا بۇ سوئاللار نۆۋەتتە خوتەندىكى ئاچچىقسۇدىن زەھەرلىنىپ ئۆلگۈچىلەر ئائىلە - تاۋاباتى ۋە يېقىنلىرىنى بىئائارام قىىۋاتقان، ئەمما جاۋابى تېپىلمايۋاتقان سوئاللاردۇر. نۆۋەتتە مەلۇم بولغىنى پەقەت، ئاچچىقسۇدىن زەھەرلىنىش بايقالغان ھامان ۋەقەنىڭ ئاخباراتقا ئاشكارىلانماسلىقى، سىر تۇتۇلۇشى، نەتىجىدە زەھەرلەنگۈچىلەرنىڭ دوختۇرخانىغا ۋاقتىدا بارالماسلىقى سەۋەبلىك ۋەقەدە ئۆلگۈچىلەر سانىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىدۇر.
مەلۇم بولۇشىچە، شۇ كۈنى زەھەرلىنىشتىن ئۆلگەن تۇنجى كىشى كەچ سائەت 10 دا جان ئۈزگەن. دوختۇرخانا مەسئۇللىرى يېزا ۋە ناھىيە مەسئۇللىرىغا ئەھۋالنى دوكلات قىلىپ، ئاھالىلەرگە دەرھال ئۇقتۇرۇش تارقىتىشنى تەۋسىيە قىلغان بولسىمۇ، يەرلىك دائىرىلەر ۋەقەنى تەشۋىق قىلىشنى توغرا تاپمىغان. نەتىجىدە زەھەرلەنگۈچىلەر ئەتىسى ئەتىگەنگە قەدەر ئۆزلىرىنىڭ ئاچچىقسۇدىن زەھەرلەنگەنلىكىنى بىلەلمىگەن ۋە دوختۇرخانىغا كېچىكىپ بارغان.
يەرلىك دائىرىلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ۋەقە دەسلەپتە ئاھالىلەردىن يوشۇرۇلغان بولسا، كېيىنكى مەزگىلدە ۋەقەنىڭ تەرەققىياتى ۋە تەپسىلاتى يەرلىك دائىرىلەردىنمۇ يوشۇرۇلغان. ۋەقەگە ئالاقىدار بارلىق سان - سېپىر، سەۋەب - نەتىجىلەر ج خ تارماقلىرى ۋە سەھىيە ئورۇنلىرى تەرىپىدىن كونترول قىلىنغان.
ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىنىڭ سىر تۇتۇلۇشى، تېگىشلىك چۈشەندۈرۈشلەرنىڭ بېرىلمەسلىكى، ۋەقەگە ئالاقىدار بىرەر كىشىنىڭمۇ جاۋابكارلىققا تارتىلماسلىقى نۆۋەتتە ئامما ئارىىسىدا تۈرلۈك گۇمان ۋە نارازىلىق پەيدا قىلماقتا.
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، يۇقىرىدا رامىزان مەزگىلىدە خوتەندە يۈز بەرگەن، ئاچچىقسۇدىن زەھەرلىنىش ۋەقەسىگە ئائىت بىر قىسىم ئۇچۇر ۋە ئىنكاسلارنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق.