ئادالەت ئۈچۈن پىداكارلىق كۆرسىتىۋاتقان ئاتا - ئانىلار
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯩﻬﺮﯨﺒﺎﻥ
2009.06.03
2009.06.03

RFA Photo
بىز سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق بۇ بالىلار ئىچىدىن، دىنىي مەكتەپ ئېچىپ، ئوقۇغۇچى تەربىيىلەنگەنلىكى ئۇچۇن، " دۆلەتنى پارچىلاش جىنايىتى ئۆتكۈزدى" دەپ ئەيىبلىنىپ،مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان مەردان سىيىتاخۇننىڭ دادىسى سىيىتاخۇن ئاكا ۋە باشقا بىر نەچچە نەپەر ئاتا - ئانىلار بىلەن سۆھبەتلىشىش پۇرسىتىگە ئىگە بولدۇق.
بالىلىرى ئۇچۇن چىقىرىلغان ھۆكۈمنىڭ ئۆزلىرى تەسەۋۋۇر قىلغىنىدىن جىق ئېغىر بولۇپ كەتكەنلىكىنى بايان قىلغان بۇ ئاتا - ئانىلار، ئۆز بالىلىرىنىڭ ناھەق جازالانغانلىقىنى، بۇ يىگىتلەرنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك، ئوغرىلىق قاتارلىق ناشايان ئىشلاردىن يىراق ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئۆز ئېتىقادىدا چىڭ تۇرىدىغان، ئۇيغۇر ياشلىرىغا ئۆزلىرىنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە گۈزەل - ئەخلاق پەزىلىتى بىلەن ئۈلگە يارىتىۋاتقان، ياشلارنى توغرا يولغا يېتەكلەۋاتقان، جەمئىيەتنىڭ تىنچ - ئامانلىقى ئۇچۇن ھەسسە قوشۇۋاتقان ياشلار ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش بىلەن بىللە، ھۆكۈمەتنىڭ نېمە ئۇچۇن بۇ بالىلارنى تۇتقۇن قىلغانلىقىنى، ھەتتا ئۇلارغا شۇ قەدەر ئېغىر جازا بېرىۋاتقانلىقىنى چۈشەنمەيدىغانلىقىنى بايان قىلىشتى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان سىيىتاخۇن ئاكا، ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز ئوغلى مەرداننىڭ ئۇستىدىن چىقارغان قارارىغا بولغان قاتتىق نارازىلىقىنى ئىپادىلىدى.
12 بالا ئۇستىدىن ئېچىلغان سوتنىڭ يېپىق ھالەتتە، ھەتتا بالىلارنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرىغا ئالدىن خەۋەر قىلىنماي،ئاتا - ئانىلارنى پەرزەنتلىرى بىلەن كۆرۈشتۈرمەي، ئادۋوكاتسىز ھالەتتە ئېچىلغانلىقىنى بايان قىلغان سىيىتاخۇن ئاكا، سوت جەريانىنى بىزگە تەپسىلى تەرىپلەپ بەردى.
2008 - يىلى 11 - ئايدا ئېچىلغان سوتنىڭ 2009 - يىلى 3 - ئاينىڭ 24 - كۈنىگە كەلگەندە ئاندىن ھۆكۈم چىقارغانلىقىنى، ھەتتا بۇ بالىلار ئۈستىدىن چىقىرىلغان ھۆكۈمنىڭ بالىلارنىڭ ئاتا - ئانىلىرىغا بىرىلمىگەنلىكىنى، ئۆزلىرىنىڭ باشقا يوللار ئارقىلىق سوتنىڭ ھۆكۈمىنى قولىغا ئالغانلىقىنى بايان قىلغان سىيىتاخۇن ئاكا، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ ئادىللىقىغا بولغان گۇمانىنى ئىپادىلىدى.
دىنىي دەرس ئاڭلىغانلىقى ئۇچۇن، دۆلەتنى پارچىلاش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ، 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان مەۋلانجان ئەخمەتنىڭ دادىسى ئەخمەت ئاكا، ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز ئوغلىغا شۇ قەدەر ئېغىر جازا بەرگىنىگە ھەيران قالغانلىقىنى ئىپادىلىدى.
ئوغلىنىڭ ئەدەپلىك - ئەخلاقلىق، ھېچكىمگە زىيىنى يوق، كىتاب تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئىمانلىق ياخشى بالا ئىكەنلىكىنى تەرىپلىگەن قۇربانجان سەمەتنىڭ ئانىسى، يۈرەك پارىسى بولغان ئوغلىنىڭ ناھەق جازالىنىپ، 10 يىللىق ياشلىق باھارىنىڭ تۈرمە ئىچىدە ئۆتىدىغانلىقىنى قوبۇل قىلالمىغان ھەسرىتىنى ئىپادىلىدى.
2 ئوغلى ھۆكۈمەتنىڭ تۈرمىسىدە سىياسىي جىنايەت بىلەن قامالغان بۇ ئانا،ئېرى بىلەن بىللە بالىلىرىنى كىچىكىدىن ناھايىتى ياخشى تەربىيىلىگەنلىكىنى، ئەدەپلىك، ئىمانلىق چوڭ بولغان بالىلىرىنىڭ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، ھۆكۈمەت قانۇنىغا خىلاپلىق قىلدى دەپ ئەيىبلىنىشىنىڭ يۈرەك باغرىنى ئەزگەنلىكىنى يىغلاپ تۇرۇپ بايان قىلدى.
سۆھبىتىمىز ئاخىرىدا سىيىتاخۇن ئاكا، ئوغلىنىڭ نارازىلىق ئەرزى سۇنغانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ ئادۋوكات تەكلىپ قىلغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ مەيلى قانداق بېسىم ۋە تەقىپلەرگە ئۇچرىشىدىن قەتئىي نەزەر ئوغلى ۋە باشقا 11 بالىنىڭ ئادىل سوتى ئۈچۈن پىداكارلىق كۆرسىتىشكە ھەر ۋاقىت تەييار ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىدى.
خىتاي ھۆكۇمىتىنىڭ بۇ يىللاردا مۇقىملىقنى باھانە قىلىپ، قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرنى چەكلەش، 3 خىل كۈچلەرگە زەربە بېرىش، مىللى بۆلگۇنچىلەرنى، دۆلەتنى پارچىلاش نىيىتىدە بولغانلارنى قاتتىق جازالاشتىن ئىبارەت ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۇۋاتقان قاتتىق قول سىياسىتى، مانا بۇگۇنكى كۇنگە كەلگەندە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاۋام پۇقرالارنىڭ نارازىلىقىنى كۈچەيتىپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى قارشىلىق كەيپىياتىنىڭ ئەۋج ئېلىشىغا سەۋەب بولماقتا.
ئۆز پەرزەنتلىرى ئۈچۈن ئادالەت تەلەپ قىلىپ، پىداكارلىق كۆرسىتىۋاتقان بۇ ئاتا - ئانىلار مانا بۇنىڭ تىپىك مىسالىدۇر.