ئافغانلار ھەم ئۇيغۇرلار تەغدىرداش خەلىقلەرمۇ ؟ (2)

ئافغانلار ھەم ئۇيغۇرلار مۇسۇلمان خەلىقلەر بولۇپ، ئۆز ۋاقتىدا باسقۇنچىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقى ۋە ئۆزىنىڭ ئازادلىقى ھەم مىللىي مۇستەقىللىقى ئۈچۈن ئۇزاق ۋاقىت كۈرەش ئېلىپ بارغانلىقى ئۆتمۈشتىن مەلۇمدۇر.
ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئويغان
2012.03.02

ئۇزۇن تارىخقا ھەم باي مەدەنىيەتكە ئىگە بۇ ئىككى خەلق 20 - ئەسىردە كوممۇنىستىك سوۋېت ئىتتىپاقى سىياسىتىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ، كۆپلىگەن جاپا - مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈرگەن ئىدى. سوۋېت ئىتتىپاقى ئۇلارنىڭ ئادالەتلىك كۈرىشىنى ھەم ئىنسان ھوقۇقلىرىنى رەھىمسىزلەرچە دەپسەندە قىلىپ، ئۇلارنىڭ پاجىئەلىك تەقدىرىگە سەۋەبچى بولدى. شۇ نۇقتىينەزەردىن ئېلىپ قارىغاندا، ئافغانلار ھەم ئۇيغۇرلار تەقدىرى بىر - بىرىگە ئوخشاپمۇ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر قاتاردا بۇ ئىككى خەلق ئوتتۇرىسىدا بەزى پەرقلەرنىڭمۇ بارلىقىنى ئېيتىش كېرەك.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان قازاقىستاندىكى تونۇلغان سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى ئافغانلار ھەم ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.