بىز ئالدىنقى پروگراممىلىرىمىزدا، كۇچا ناھىيىنىڭ ئاغۇ يېزىسىدىكى 56 ئائىلىلىك دېھقاننىڭ تېرىلغۇ يەرلىرىنىڭ تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى سەۋەبلىك تارتىۋېلىنغانلىقى ۋە دۆلەت تەرىپىدىن بېرىلگەن يەر تۆلەم پۇلىنىڭمۇ يېرىمىدىن كۆپ قىسمىنىڭ دائىرىلەر تەرىپىدىن ئىگىلىۋېلىنغانلىقى، شۇنداقلا بۇ ئائىلىلەر يۇقىرىغا ئەرز سۇنغاندا يېزا رەھبەرلىرى تەرىپىدىن تەھدىتكە ئۇچرىغانلىقى ھەققىدە خەۋەر بەرگەن ئىدۇق.
مۇخبىرىمىزنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋال ئىگىلىشىچە، بۇ تەھدىتلەر جەريانىدا يېزىلىق پارتكوم سېكرېتارى خەن شياشېڭنىڭ دېھقان ئىلياس ئابباسنى ئۇرغانلىقىنى ئاشكارىلاندى.
ىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار ھۆججەت ۋە ئاخباراتلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىي ۋىلايەتلىرىدىكى يېزىلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ يېزىلىق پارتكوم سېكرېتارلىرى خىتاي مىللىتىدىن بەلگىلىنىپ كەلمەكتە. نوپۇسى 100% دېگۈدەك ئۇيغۇر بولغان بۇ يېزىلارنىڭ بارلىق مەمۇرىي ۋە ئىقتىسادىي ھوقۇقى مەزكۇر خىتاي پارتكوم سېكرېتارلىرىنىڭ قولىغا مەركەزلەشكەن.
رادىئومىزغا كەلگەن ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، يېزىلاردىكى بۇ خىتاي پارتكوم سېكرېتارلىرى ھوقۇق ۋە ئىمتىيازلىرىدىن پايدىلىنىپ، بۇ يېزىلارنى قانۇن ۋە بەلگىلىمىلەر بويىچە ئەمەس، بەلكى ئۆز خاھىشى ۋە ئۆزىنىڭ خۇي-پەيلى بويىچە زورلۇق-زومبۇلۇق بىلەن ئىدارە قىلماقتا. بىرقانچە ئاينىڭ ئالدىدا ئاقسۇنىڭ قىزىل دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى خەن جيامېننىڭ 84 ياشلىق ئابدۇرېھىم موللەك ئاكىنى كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا تىللىغانلىقى ۋە دۈشكەلىگەنلىكى ئاشكارىلانغان ئىدى. بۈگۈن ئاشكارىلىنىشىچە، كۇچانىڭ ئاغۇ يېزىلىق پارتكوم سېكرېتارى خەن شياشېڭ، بۇ يېزىدىكى دېھقان ئىلياس ئابباسنى ئۇرغان. ئىلياس ئابباس خەن شياشېڭنىڭ ئۆزىنى ئۇرغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
بىز بۇ ۋەقە توغرىسىدا يېزا مەسئۇللىرىدىن مۇسا راھمان ۋە تۇرسۇن مۇھەممەدلەرنى زىيارەت قىلدۇق. ئەمما ئۇلار، سېكرېتار خەن شياشېڭنىڭ ئىلياس ئابباسنى ئۇرغانلىقىنى ئىنكار قىلدى. بىراق، يېزىدىكى كىملىكىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان دېھقانلار، يېزىدىكى بارلىق چوڭ كىچىك باشلىقلارنىڭ، سېكرېتار خەن شياشېڭنىڭ قول -چوماقچىلىرى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ھەرقانداق زوراۋانلىقىغا چاپان ياپىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.