سابىق مىللىي ئارمىيە جەڭچىسى ئەھمەد ساۋۇتوفنىڭ ئەسلىمىلىرى (1)
ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئويغان
2011.11.28
2011.11.28
مىللىي ئارمىيە قىسىملىرىنىڭ كۆپلىگەن رەھبەرلىرى بولسا، تۈرلۈك ئەيىب - گۇمانلار بىلەن جىسمانىي يوقىتىلغان ۋە ئەمگەك لاگېرلىرىغا سۈرگۈن قىلىنغان بولۇپ، بۇنىڭ نەتىجىسىدە 1954 - يىلى ئۇ ئۈزۈل - كېسىل كۈچىدىن قالدۇرۇلدى. شۇنداقتىمۇ بەزى رايونلاردا خىتاي خەلق ئارمىيىسىگە قارشىلىقلار كۈچەيگەن. شۇلارنىڭ بىرى ئالتاينىڭ سابىق ۋالىسى ئوسمان ئىسلام بولۇپ، بىر نەچچە ۋاقىتقا سوزۇلغان قارشىلىقلاردىن كېيىن ئۇ تۇتقۇنغا ئېلىنغان ھەم 1951 - يىلنىڭ ماي ئېيىدا ئۈرۈمچى شەھىرىدە كوممۇنىست ھۆكۈمەتكە قارشى چىققان باشقا بىر نەچچە شەخسلەر بىلەن بىر قاتاردا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى.
ئوسمان ئىسلام قوشۇنلىرىنى تار - مار قىلىشقا 5 - كورپۇسنىڭ 40 - پولكىمۇ ئىشتراق قىلىنغان بولۇپ، مانا شۇ ۋاقىتتىكى قوراللىق توقۇنۇشلارغا قاتناشقان شەخسلەرنىڭ بىرى ھازىر ئالماتا ۋىلايىتىنىڭ تالغىر ناھىيىسى تۇرغۇنى ئەھمەد ساۋۇتوفتۇر.
ئەھمەد ساۋۇتوف 1930 - يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جاغىستاي يېزىسىدا تۇغۇلغان بولۇپ، ئالتىنچى سىنىپتىن كېيىن ئۇ ئاتا - ئانىسىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. 1948 - يىلى ئارمىيىگە چاقىرتىلغان بولۇپ، دەسلەپتە مىللىي ئارمىيە قىسمىدا، ئاندىن ئۇ خىتاي خەلق ئارمىيىسىنىڭ 5 - كورپۇسى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن، 40 - پولك تەركىبىدە ئوسمان ئىسلامغا قارشى ئۇرۇش ھەرىكەتلىرىگە قاتناشقان. 1953 - يىلى سالامەتلىكى سەۋەبىدىن كەسىپ ئالماشتۇرۇلغان ۋە 5 يىلغىچە شىخو تاش يول شۆبە ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىنى خىزمىتىدە بولغان. كېيىنكى ۋاقىتلاردا جاغىستايدا بوغالتىر بولۇپ ئىشلىگەن ۋە 1959 - يىلى قازاقىستانغا كۆچۈپ چىققان.
ئەھمەد ئاكا ساۋۇتوف رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، 1948 - ۋە 1953 - يىللار ئارىلىقىدىكى ۋەقەلەر ھەققىدە ئەسلىمىلىرىنى بايان قىلدى.