ئەيدىزدىن ساقلىنىشنىڭ چارىسى زىنادىن يىراق تۇرۇشتۇر

ئەيدىز كېسىلى ھازىرقى ئەسىرنىڭ ئېلىپ كەلگەن بەختسىزلىكلىرىدىن ئەڭ يامىنى بولۇپ، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ھاياتى بۇ ئىپلاس ئاغرىق بىلەن نابۇت بولماقتا.
ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئۆمەرجان
2011.12.16
uyghur-elide-eydiz-305.jpg ﻧﺎﻣﻪﻟﯘﻡ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﭼﯧﻜﻪﺭﻣﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ ﭼﯜﺷﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ﺳﯜﺭﻩﺕ.
RFA ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﯘﭼﯩﺴﻰ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﯩﮕﻪﻥ.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى تەرىپىدىن كىشىلەرنى ئەيدىز كېسىلىنىڭ خەتىرىدىن ئاگاھلاندۇرۇش مەقسىتى بىلەن ھەر يىلى ئەيدىزدىن ئىبارەت بۇ ئىپلاس ئاغرىقنىڭ خەتىرىنى بايان قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن ساقلىنىش چارىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئىشلىرى داۋام قىلماقتا.

ئەيدىز ئاغرىقى ئۈچىنچى دۇنيا ئەللىرىدە كۆپ


ئەيدىزدىن ساقلىنىش ۋە ئۇنىڭ خەتىرىدىن ئاگاھلاندۇرۇش پروگراممىسىنىڭ ئوتتۇرا شەرق بويىچە تونۇلغان مۇتەخەسسىسى پروفېسسور خەدىجە مۇئەللى 2011 - يىللىق ئەيدىز دوكلاتىدا مۇنداق دەپ يازغان:«ئۆزىگە ئەيدىز ۋىرۇسىنى يۇقتۇرۇۋالغانلارنىڭ سانى شىمالىي ئافرىقا بىلەن ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىدە ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، 2007 - يىلدىكى رەسمىي ستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، ئەيدىز كېسىلىگە گرىپتار بولغانلارنىڭ سانى 380مىڭ ئادەمگە يەتكەن. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش پروگراممىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، شىمالىي ئافرىقا ۋە ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىدە ئەيدىز كېسلىگە مۇپتىلا بولغانلاردىن ئاران يۈزدە 5 پىرسەنتىلا داۋالىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولالايدىكەن. قالغانلىرى ئۆلۈمگە مەھكۇم ئىكەن. ئەرەب دۆلەتلىرىدە ئەيدىز ۋىرۇسىغا يولۇققان كىشىلەردىن يۈزدە 90 پىرسەنتىنىڭ بۇنى ھېس قىلالماي كېلىۋاتقانلىقى بەكمۇ ئېچىنىشلىق ئىش.»

ئەيدىز ۋىرۇسى زىنادىن كېلىدۇ


دۇنيادىكى بارچە دىنلار ئەڭ ئاۋۋال ئىنسانلارنىڭ بەخت سائادىتىنى ۋە خاتىرجەم، دەرت - ئەلەمسىز ھايات كەچۈرۈشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. خۇسۇسەن ساماۋى دىنلارنىڭ پەقەت ئىنسانلارنىڭ بەخت - سائادىتى ئۈچۈن كەلگەنلىكىدە قىلچە شەك يوق. دۇنيادا ھەر قانداق بىر دىن ئالدى بىلەن كىشىلەرنى زىنادىن توسىدۇ. زىنانى مەنئى قىلمايدىغان بىرمۇ دىن يوق دۇنيادا. چۈنكى زىنا ئائىلىنى پارچىلايدىغان، ئادەمنى ئاغرىقچان قىلىدىغان، بالىلارنى يېتىم قىلىدىغان، مۇھەببەتنى نەپرەتكە، جەننەت كەبى ئائىلىنى دوزاققا ئايالاندۇرۇپ قويىدىغان يامان قىلمىشتۇر.

ئىسلام ئۆلىمالىرى ئەيدىز كېسىلىنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەدىستە ئاگاھلاندۇرغان خەتەرلىك ئاغرىق ئىكەنلىكىنى سۆزلىمەكتە. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇندىن 1400يىل ئىلگىرى كىشىلەرنى زىنانىڭ خەتىرىدىن ئاگاھلاندۇرۇپ:«قانداقلا بىر مىللەتتە زىنا - پاھىشە كۆپ بولىدىكەن، ئۇلارغا ئىلگىرىكىلىرىگە كېلىپ باقمىغان كېسەللىك يېتىدۇ» دېگەن. ھەدىستە كۆزدە تۇتۇلغان«كېسەللىك»نىڭ ئەيدىز ئىكەنلىكىنى ئىسلام ئۆلىمالىرى سۆزلىمەكتە.

ئىسلام ئۆلىمالىرىغا كۆرە، ئىنسانلار ئاللاھنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ھايات كەچۈرۈپ، ئۆزلىرىنى ھارام ئىشلاردىن يىراق تۇتسا، ئۇلار مۇنداق ئىپلاس ئاغرىلاردىن ۋە تۈرلۈك بەختسىزلىكلەردىن ئەلۋەتتە ئامان قالىدۇ.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.