ئالبانىيىدىكى ئۇيغۇرلار: ۋەتەن ئازادلىقى ئۈچۈن بىر كىشىلىك ھەسسە قوشساق دەپ ئويلايمىز

ئالبانىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ قىزىقىشىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى دۇنياغا تەشۋىق قىلىشقا ئەھمىيەت بەرمەكتە.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2012.10.08
albaniye-tot-uyghur-305.jpg بۇندىن ئالتە يىل ئىلگىرى گۇئانتانامو تۈرمىسىدىن ئازاد قىلىنىپ ئالبانىيىگە يەرلەشكەن ئۇيغۇرلار. 2012-يىلى ئۆكتەبىر، تىرانا.
RFA/Ekrem

بۇندىن ئالتە يىل ئىلگىرى گۇەنتانامو تۈرمىسىدىن ئازاد قىلىنىپ ئالبانىيىگە يەرلەشكەن ئۇيغۇرلاردىن تۆت نەپىرى ھازىرمۇ ئالبانىيە پايتەختى تىرانادا ياشاۋاتقان بولۇپ، ئۇلار ئۆيلۈك-ئوچاقلىق بولۇپ پەرزەنت يۈزى كۆردى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلارنى قايتۇرۇپ كېتىش پىلانلىرى ئەمەلگە ئاشمىدى.

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ گۇەنتانامو تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلگەن بۇ ئۇيغۇرلارغا بولغان قىزىقىشى تېخى تۈگىمىدى. تۆت ئائىلىدىن تەشكىل تاپقان بۇ كىچىك ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۆزلىرىگە نېسىپ بولغان ئىمكانلاردىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئالبانىيىدە تۇرۇپ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى خەلقئاراغا ئاڭلىتىشتا قولىدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە.

7-ئۆكتەبىر كۈنى بىز، تىرانادىكى ئۇيغۇرلاردىن ئابابەكرى قاتارلىق قېرىنداشلىرىمىزنى زىيارەت قىلدۇق. ئابابەكرى ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار ئالبانىيىنىڭ مۇھىتىغا ئۆزلەشكەن بولۇپ، گويا ۋەتەن تۇپراقلىرىدا ياشاۋاتقاندەك خاتىرجەم بىر تۇرمۇشقا ئىگە بولغان. كانادادىكى مەلۇم بىر فىلىم شىركىتىگە ھەمراھ بولۇپ ئالبانىيىگە كەلگەن ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى روشەن ئابباس خانىم ئالبانىيىدە ياشاۋاتقان بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ھالىتىدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىدە، بۇ شىركەت ئىشلىمەكچى بولغان بۇ ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تونۇتۇشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

ئۇزۇن مەزگىل گۇەنتانامو تۈرمىسىدە رىيازەت چەككەن بۇ كىشىلەر، ھازىرمۇ گۇەنتانامودا قامىلىپ تۇرۇۋاتقان ئاخىرقى ئۈچ نەپەر قېرىندىشىنىڭ كەلگۈسىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ تېزرەك ئەركىنلىككە ئېرىشىشىگە تىلەكداش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. گۇەنتانامو ئۇيغۇرلىرىنىڭ مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن روشەن ئابباس خانىممۇ ئۇلارنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى ئىپادە قىلدى. ھازىرمۇ ئالبانىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن مۇخبىرلارنىڭ زىيارەتلىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشقا تىرىشىۋاتقان ئالبانىيىدىكى ئۇيغۇرلاردىن ئابابەكرى ئەپەندى، ئۆزىنى ئۇيغۇر سانايدىغان ھەرقانداق كىشىنىڭ ۋەتەن ئازادلىقى ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە خىزمەت قىلىشى لازىملىقىنى تەكىتلىدى ۋە ئۆزلىرىنىڭمۇ نېسىپ بولغان ئىمكانلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ۋىجدانى بۇرچىنى ئادا قىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.