پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت: تۈركىيە ئۇيغۇرلارغا مەنىۋى جەھەتتىن دەرھال ياردەم بېرىشى شەرت

تۈركىيە ھۆكۈمىتى 2012-يىلىنى «خىتاي يىلى» دەپ بېكىتىپ پائالىيەت باشلىغاندىن كېيىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، تۈركىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى، تۈرك ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇنىۋېرسىتېتلار خىتاينىڭ تۈركىيىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرىگە قارشى تۈركىيىنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەتلىرىدە ئارقا-ئارقىدىن پائالىيەتلەر ئۆتكۈزدى.

0:00 / 0:00

بۇنىڭغا ئاساسەن 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى تۈركىيىنىڭ غەربىي جەنۇب رايونىغا جايلاشقان ۋىلايەتلەردىن بىرى بولغان مۇغلا ۋىلايىتىنىڭ «تۈرك ئوجاقى» تەشكىلاتىنىڭ زالىدا «شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى مەسىلىلىرى» تېمىسىدا دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقاتى مەركىزى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى دوكلات بەردى. ئۇ 1 سائەت داۋاملاشقان بۇ دوكلات بېرىش يىغىنىدا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيىدىن كۈتكەنلىرى ھەققىدە توختالدى. مۇغلا ۋىلايىتى ھازىرغىچە ئۇيغۇرلار ھەققىدە پەقەت پائالىيەت ئۆتكۈزۈلۈپ باقمىغان جايلاردىن بىرى بولۇپ يىغىن كىشىلەرنىڭ قاتتىق قىزىقىشىنى قوزغىغان. يىغىننى مۇغلا «تۈرك ئوجاقلىرى» ئاممىۋى تەشكىلاتى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، يىغىنغا ھەر ساھەدىكى كىشىلەر ۋە ئۇنىۋېرسىتېتتىكى ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلاردىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.

ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى دوكلاتىدا بۈگۈنكى كۈندە تۈركىيىنىڭ نۇرغۇن دۆلەتلەرگە ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن ياردەم بېرىۋاتقانلىقىنى ،ئۇيغۇرلارغىمۇ مەنىۋى جەھەتتىن ياردەم بېرىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.