"شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر ئالىي كېڭىشى" نىڭ ئېچىلىش ۋاقتى ئۆزگەردى

ئەسلىدە 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن 8-كۈنىگىچە ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندا ئېچىش قارار قىلىنغان «شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر ئالىي كېڭىشى» يىغىنى بەزى ئوبيېكتىپ قىيىنچىلىقلار تۈپەيلىدىن كېچىكتۈرۈلدى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2011-01-21
Share
rabiye-qadir-yawropa-ziyaret-305 رابىيە قادىر خانىم ۋە د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ ياۋروپادىكى 7 دۆلەتكە ئېلىپ بېرىۋاتقان زىيارىتىدىن كۆرۈنۈش. 2011-يىلى 21-يانۋار.
RFA/Pidaiy

شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر ئالىي كېڭىشى يىغىنى تەييارلىق كومىتېتى تېلېفون يىغىنى چاقىرىپ يىغىننىڭ ئېچىلىش ۋاقتىنى 5-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن 7-كۈنىگىچە دەپ بېكىتتى. يىغىن ۋاقتىنىڭ ئۆزگىرىش سەۋەبلىرى ۋە بۇ يىغىننىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر ئالىي كېڭىشى يىغىنى تەييارلىق كومىتېتى ئەزاسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەشۋىقات مەركىزى مۇدىرى پەرھات يۇرۇڭقاش ۋە د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندىلەر بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق.

پەرھات يۇرۇڭقاش ئەپەندى رادىئومىزغا قىلغان سۆزىدە، بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالى ۋە تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك زور بىر يىغىن ئىكەنلىكىنى، يىغىننىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ۋە نەتىجىلىك ھالدا ئۆتكۈزۈلۈشىنىڭ پۈتۈن ئۇيغۇرلارنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىغا، قوللىشىغا، ياردىمىگە ۋە مەدىتىگە باغلىق ئىكەنلىكىنى، شۇڭا مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئورتاق سەپەرۋەرلىككە كېلىپ، يىغىننى ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن ئاكتىپلىق بىلەن قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى كېرەكلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئۇ سۆزىدە يەنە، رابىيە قادىر خانىم ۋە د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ ياۋروپادىكى 7 دۆلەتكە ئېلىپ بېرىۋاتقان زىيارىتىدىكى ئەڭ مۇھىم مەقسەتلەرنىڭ بىرىنىڭ ياۋروپادىكى ئۇيغۇرلارغا شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر ئالىي كېڭىشىنىڭ ئەھمىيىتىنى چۈشەندۈرۈش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت