ئالماتادا د ئۇ ق پائالىيىتىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنى بولۇپ ئۆتتى

11 - ئۆكتەبىر كۈنى ئالماتا شەھىرى دوستلۇق مەھەللىسىنىڭ "نۇرلى" كافىسىدا د ئۇ ق نىڭ قازاقىستاندىكى مۇئاۋىن رەئىسى قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ تەشكىل قىلىشىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى پائالىيىتىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنى بولۇپ ئۆتتى.

0:00 / 0:00

ئالماتا شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئۇيغۇر يۇرتلىرىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان يۈز ئەللىككە يېقىن ئادەم قاتناشقان بۇ يىغىندا، دۇنيا ۋە ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ پائالىيىتى بويىچە ئاخىرقى خەۋەرلەردىن مەلۇمات بېرىلگەن.

يىغىن قاتناشقۇچىلىرى شۇنداقلا ئاتالمىش "ۋەتەنپەرۋەر مۇھاجىرلار ئۆمىكى" نىڭ قازاقىستان گۇرۇپپىسىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇلارغا سوئاللار بەردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.