قازاقىستاندا ئۇيغۇر رەسساملىرىنىڭ كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى

21 - مارت كۈنى قازاقىستاننىڭ كونا پايتەختى ئالمۇتا شەھىرىدە جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدا نورۇز بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇر رەسساملىرىنىڭ رەسىم كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى.

0:00 / 0:00

بۇ كۆرگەزمىنى كۆپلىگەن ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەت ۋەكىللىرى كېلىپ كۆردى ھەمدە كۆرەرمەنلەر ئارىسىدا كۈچلۈك ئىجابىي ئىنكاسلار قوزغالدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، ئالماتادىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئابدۇللانىڭ بۇ ھەقتىكى تەپسىلىي مەلۇماتىنى ئاڭلايسىلەر.