خىلارىي كلىنتون ئۆز قوللىغۇچىلىرىنى ئوبامانى قوللاشقا چاقىردى
ئىلگىرى پەرەز قىلىنغىنىغا ئوخشاش، باراك ئوباما ۋە جو بايدىن ئايرىم - ئايرىم ھالدا پرېزىدېنت ۋە مۇئاۋىن پرېزىدېنت نامزاتى قىلىپ بېكىتىلدى ۋە رەسمىي جاكارلاندى.
قارىماققا ئىلگىرى باراك ئوباما بىلەن ئۆز پارتىيىسىدىن پرېزىدېنتلىق نامزاتلىقى رىقابىتىگە چۈشكەن، ھەمدە بۇ جەرياندا 17 مىليوندىن ئارتۇق قوللىغۇچىغا ئېرىشكەن كۈچلۈك نامزات ۋە پالاتا ئەزاسى خىلارىي كلىنتون خانىم، مەزكۇر ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ بېلەت تاشلاش ئۇسۇلىنىڭ ئۆز پارتىيىسى ئىچىدە بۆلگۈنچىلىك كەلتۈرۈپ چىقىرىشىدىن ئەنسىرىگەندەك قىلاتتى.
خىلارىي كلىنتون خانىم بېلەت تاشلاش ئۇسۇلىنى بىكار قىلىپ باراك ئوبامانى رەسمىي نامزات قىلىپ جاكارلاشنى تەلەپ قىلدى.
پرېزىدېنت نامزاتىنى بېكىتىش مۇراسىمىغا ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاۋام پالاتا رەئىسى، دېموكراتلار دۆلەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ مەڭگۈلۈك رەئىسى نەنسىي پېلوسى خانىم رىياسەتچىلىك قىلدى. ئۇ يىغىن قاتناشقۇچىلىرىدىن " ئەگەر باراك ئوبامانىڭ نامزاتلىقىغا قوشۇلساڭلار قوشۇلىمىز دەپ جاۋاب بېرىڭلار" دەپ سورىغاندا يىغىن ئەھلىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. شۇنىڭ بىلەن باراك ئوباما ۋە جو بايدىنلارنىڭ پرېزىدېنت ۋە مۇئاۋىن پرېزىدېنتلىق نامزاتلىقى رەسىمى جاكارلاندى.
كلىنتون : " باراك ئوباما ئامېرىكىنىڭ دۇنيادىكى ئورنىنى تىكلەشكە تەييارلاندى "
بۈگۈن بۇ مۇراسىم بەكمۇ ھاياجانلىق ئىچىدە ئۆتكەن بولۇپ، بەزىلەر كۆز يېشىنى توختىتالمىدى . شۇ كۈنى كەچقۇرۇن سابىق پرېزىدېنت بىل كلىنتون نۇتۇق سۆزلەپ باراك ئوبامانىڭ ھايات تەجرىبىسى ۋە جو بايدىندەك ئاقىل كىشىنى مۇئاۋىن پرېزىدېنت نامزاتى قىلىپ تاللىغانلىقىغا يۇقىرى باھا بەردى ۋە : " دېموكرات قېرىنداشلار، سىلەرگە شۇنى ئېيتىمەنكى باراك ئوباما دۆلىتىمىزنى يېتەكلەشكە ۋە ئامېرىكىنىڭ دۇنيادىكى ئورنىنى تىكلەشكە تەييارلاندى" دېدى.
سابىق پرېزىدېنت كلىنتون يەنە مۇنداق دېدى: " باراك ئوباما قەسەم بېرىپ ئامېرىكىنىڭ قانۇنىنى ساقلاش ۋە ئۇنى قوغداشقا تەييار بولدى. باراك ئوباما ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ پرېزىدېنتى بولۇشقا تەييارلاندى".
مۇئاۋىن پرېزىدېنت نامزاتى جو بايدىن ئوبامانىڭ دىپلوماتىيە ئىشلىرىدىكى ھەقىقىي تولۇقلىغۇچىسى
شۇ كۈنى كەچقۇرۇن، مۇئاۋىن پرېزىدېنتلىق نامزاتى جو بايدىن ئۆزىنىڭ بۇ نامزاتلىقىنى رەسمىي قوبۇل قىلغانلىقىنى جاكارلىدى. جو بايدىن مۇنداق دېدى: " شۇنداق، شۇنداق، مەن سىلەرنىڭ مېنى ئامېرىكىنىڭ كېلەر نۆۋەتلىك پرېزىدېنتى باراك ئوباما بىلەن بىللە خىزمەت قىلىشقا نامزات قىلىپ تاللىغىنىڭلارنى قوبۇل قىلدىم"
ئۇ يەنە جەمىيەتكە ۋەدە بېرىپ، مۇئاۋىن پرېزىدېنت ئىشخانىسىنىڭ ھەر زامان ئۇلار ئۈچۈن ئوچۇق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
باراك ئوباما دېلىۋېير شتاتى ۋەكىلى، ئامېرىكا پالاتا ئەزاسى جو بايدىننى مۇئاۋىن پرېزىدېنتلىق نامزاتى قىلىپ تاللىغان. ئۇلار 23 - ئاۋغۇست شەنبە كۈنى ئىلىنىئوي شىتاتىنىڭ سپرىڭ فىيىلد رايونىدا تۇنجى قېتىم جامائەت بىلەن كۆرۈشكەن ئىدى.
جو بايدىننىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتلىق نامزاتى قىلىپ تاللانغانلىقى ۋە بۈگۈن رەسمىي بېكىتىلگەنلىكىگە قارىتا پىكىر بايان قىلغان ماساچۇستس شتاتى دېموكراتلار پارتىيىسى ۋەكىلى رالف جوردىن، جو بايدىننىڭ تاشقى ئىشلار ۋە چەتئەللەر بىلەن بولغان دىپلوماتىيە مۇناسىۋەتلىرىدە ئىنتايىن تەجرىبىلىك ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ بۇ جەھەتلەردە باراك ئوبامانىڭ ھەقىقىي تولۇقلىغۇچىسى بولۇپ كېتەلەيدىغانلىقىنى، شۇڭلاشقا جو بايدىننى مۇئاۋىن پرېزىدېنت قىلىپ تاللاشنىڭ ئىنتايىن ئاقىلانىلىك ئىكەنلىكىنى ۋە سايلامدا بۇلارنىڭ ئۇتۇپ چىقىشىدا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.