ئامېرىكا - جەنۇبىي كورىيە ھەربىي مانېۋىرىنىڭ ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋەتلىرىگە دەخلى يەتكۈزىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە

ئامېرىكا - جەنۇبىي كورىيە ھەربىي دائىرىلىرى جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان بىرلەشمە مانېۋىر بۈگۈن 3 - كۈنىگە قەدەم قويدى. بۈگۈنكى مانېۋىردا ئامېرىكا - جەنۇبىي كورىيە ھەربىي پاراخوتلىرى توپ ئاتقان ۋە سۇ ئاستى پاراخوتلىرىغا قارشى بومبىلارنى تاشلىغان. مانېۋىرنىڭ خىتاي ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىگە دەخلى يەتكۈزىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

0:00 / 0:00

مەزكۇر بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر " غالىب روھ" ياكى "يېڭىلمەس روھ" دەپ ئاتالغان بولۇپ، 25 - ئىيۇل يەكشەنبە كۈنى باشلانغان ئىدى. مانېۋىرغا ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ USS جورجى ۋاشىنگتون ناملىق يادرو يېقىلغۇلۇق ئاۋىئاماتكىسىمۇ قاتناشتۇرۇلغاندىن باشقا، ئىككى تەرەپتىن 8 مىڭغا يېقىن ئەسكەر، 20 پاراخوت ۋە 200 دەك ئايروپىلان ھەرىكەتكە كەلتۈرۈلگەن.

ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا - جەنۇبىي كورىيە دائىرىلىرى مەزكۇر بىرلەشمە مانېۋىرنى "شىمالىي كورىيىگە سىگنال يەتكۈزۈش مەقسىتىدە لايىھىلەنگەن" دەپ كۆرسەتكەن بولسىمۇ، خىتاي مەتبۇئاتلىرى مەزكۇر مانېۋىر "خىتاينىڭ كېڭىيىشىنى چەكلەشنى مەقسەت قىلغان" دەپ تەشۋىق قىلىشقا باشلىغان.

بىر قىسىم غەرب مەتبۇئاتلىرىدىمۇ يۇقىرىدىكىگە ئوخشاش پىكىرلەر ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. كانادادىن چىقىدىغان "يەرشارى مەكتۇپلىرى" گېزىتىدە 26 - ئىيۇل بېرىلگەن بىر ماقالىدە "ئامېرىكا خىتاينىڭ شەرقىي ئاسىيادىكى تەسىرىگە قارشى ھەرىكەتكە ئۆتتى" دېگەن پىكىر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن "خىتاينىڭ شەرقىي ئاسىيادىكى تەسىرىنى كېڭەيتىشىنى يىللاردىن بېرى جىددىيلىك بىلەن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان مەزكۇر رايوندىكى كونا كۈچ - ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى، ھازىر ئۆزىنى خىتاي چېگرىسى يېنىدىكى ئىككى ئوخشىمايدىغان تالاش - تارتىش ئىچىگە تاشلاپ، خىتاينى كەينىگە كەسكىن ئىتتىرىشكە باشلىدى".

ئاپتور بۇ يەردە ئىلگىرى سۈرگەن "ئىككى ئوخشىمايدىغان تالاش - تارتىش" بولسا، شىمالىي ۋە جەنۇبىي كورىيە مۇناسىۋەتلىرى ھەمدە خىتاي، تەيۋەن، فىلىپپىن، ۋيېتنام، ھىندونېزىيە ۋە مالايشىيا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىگە چېتىلىدىغان جەنۇبىي خىتاي دېڭىزى (خىتايچە نەنخەي يەنى جەنۇبى دېڭىز) غا مۇناسىۋەتلىك مەسىلەرنى كۆرسىتىدىكەن.

خىتاي دائىرىلىرى بۇ ئايدا جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدا خىتاينىڭ "جانىجان مەنپەئەتى" بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ۋە خىتاينىڭ بۇ مەسىلىدە" قەتئىي ۋە ئېگىلمەيدىغان" لىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئۆتكەن جۈمە كۈنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىلارىي كلىنتون خانىم ۋيېتنامدا ئېچىلغان شەرقىي ئاسىيا ئەللىرى ھەمكارلىق يىغىندا، جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى تالاش - تارتىشلارنى ھەل قىلىشنىڭ، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ "دۆلەت مەنپەئەتى" ۋە "دىپلوماتىك مۇھىم مەسىلىسى" ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.

"يەرشارى مەكتۇپلىرى" گېزىتىدە نەقىل قىلىشىچە، كلىنتون خانىم ۋيېتنام پايتەختى خانويدا " دېڭىزدا ئەركىن سەپەر قىلىش، ئاسىيادىكى ئورتاق دېڭىزغا كىرىش ۋە جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى خەلقئارالىق قانۇنلارنىڭ ھۆرمەت قىلىنىشى قاتارلىقلاردا ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ دۆلەت مەنپەئەتى بار" دېدى.

بېيجىڭ دائىرىلىرى كلىنتون خانىمنىڭ بايانلىرىنى بىر " ھۇجۇم" دەپ سۈرەتلىگەن. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يەكشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا "ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى جەنۇبىي خىتاي دېڭىزى مەسىلىسىنى خەلقئارالاشتۇرماسلىقى كېرەك. بۇ پەقەت مەسىلىنى ئېغىرلاشتۇرىدۇ ۋە مۇرەككەپلەشتۈرۈۋېتىدۇ" دېدى.

خەۋەردە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، كلىنتون خانىم يىغىن جەريانىدا ئېلىپ بېرىلغان بىر يېپىق سۆھبەتتە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جيېچى بىلەن جەنۇبىى خىتاي دېڭىزى مەسىلىسىدە توقۇنۇشۇپ قالغان.

ئامېرىكا - جەنۇبىي كورىيە بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن ھەربىي مانېۋىر خانويدىكى شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا ئەللىرى قۇرۇلتىيىدىن ئىككى كۈن كېيىن باشلاندى. ئامېرىكا - كورىيە مۇناسىۋەتلىك دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مانېۋىر باشتا شەرقىي دېڭىزدا، كېيىن خىتايغا يېقىن جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدا ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدا مول تەبىئىي گاز زاپىسى بار بولۇپ، بۇ دېڭىز يەنە ئەڭ ئالدىراش خەلقئارالىق دېڭىز يولى ئىكەن.

مەزكۇر دېڭىزغا خىتاينىڭ بارغانچە قىزىقىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. ئالدىنقى جۈمە كۈنى ئامېرىكا ھەربىي شتاب باشلىقى مايك مۇللېن بۇ نۇقتىنى دەلىللىگەن ۋە خىتاينىڭ بۇ رايوندىكى ھەربىي ھەرىكىتىگە " قىزىقىش باسقۇچىدىن دىققەت قىلىش دەرىجىسى" گە ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتىدە نەقىل قىلىشىچە، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر پروفېسسورى سۇن جې ئامېرىكا ۋە خىتاينىڭ مەزكۇر مەسىلىدە ئۇزۇن مەزگىل تالاش - تارتىش قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن بۇ پروگىراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.