ئامېرىكا بىلەن پاكىستان دوستمۇ ياكى دۈشمەنمۇ؟
2011.09.23
رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرلىرى ئىسلامئابادتىن ۋە ۋاشىنگتوندىن يوللىغان خەۋەرلەردە بايان قىلىنىشىچە، ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرىنىڭ شتاب باشلىقى ئادېمېرال مايك مۇللېن ۋاشىنگتوندا، پاكىستاننى ئوچۇق-ئاشكارا ئەيىبلەپ، ئافغانىستاندا يۈز بەرگەن ئامېرىكىغا قارشى ھۇجۇملارغا ئىسلامئاباد ئارىلاشقان، دەپ جاكارلىدى. پاكىستان باش مىنىستىرى گىلانى كاراچىدا ئامېرىكىغا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ، ھازىر پاكىستان بىلەن ئامېرىكا مۇناسىۋىتى قېيىن ئەھۋالغا دۇچ كەلدى، ئامېرىكا ھازىر پاكىستان بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىش قىلمايۋاتىدۇ، ئەمما ئامېرىكىنىڭ بۇ رايوندا پاكىستانسىز مەۋجۇت بولۇپ تۇرالىشى مۇمكىن ئەمەس، دەپ جاكارلىدى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرىنىڭ شتاب باشلىقى ئادېمېرال مۇللېن بىلەن ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىسىترى پانېتتا پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىسپاتلىق بېرىش يىغىنىدا، ئافغانىستاندا يۈز بەرگەن كابۇلدىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنىمۇ، 11-سېنتەبىر كۈنى ئافغانىستاننىڭ ۋارداق ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن ناتونىڭ قىسىملىرىنىڭ قارارگاھىغا ئاپتوموبىل بىلەن پارتلىتىش ھۇجۇمى قوزغاپ، 50 ئەسكەرنى ئۆلتۈرگەن، 77 ئەسكەرنى يارىلاندۇرغان ۋەقەنىمۇ، «ھەققانىي گۇرۇھى» دەپ ئاتالغان ئەلقائىدە تەشكىلاتى پىلانلىغان، پاكىستان بىخەتەرلىك ئورگىنى بۇ تەشكىلاتقا ياردەملەشكەن، «ھەققانىي» دەپ ئاتالغان ئەلقائىدە تەشكىلاتى ھازىرغا قەدەر ئافغانىستان بىلەن پاكىستان چېگرىسىدىكى ۋەزىرىستان رايونىدا پاناھلىنىپ تۇرماقتا، دەپ كۆرسەتكەن.
خىتاينىڭ جاڭشى خەۋەر تورىدا بايان قىلىنىشىچە، ئافغانىستاننىڭ ۋارداق ئۆلىلكىسىدىكى سېيىئاباد رايونىغا جايلاشقان ناتو قارارگاھى بار جايدا 9-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 11-كۈنى ئەتىگەن سائەت 11 گىچە بولغان ۋاقىتا ئىچىدە تىنچلىق بۇزۇلغان. تالىبانلار بۇ جايدا 9 توننا پارتلاتقۇچ قاچىلىغان بىر ئاپتوموبىلنى پارتلاتقان. ئامېرىكىنىڭ يارىدار توشۇيدىغان تىك ئۇچار ئايروپىلانى بۇ جايغا 16 قېتىم قاتنىغان. ناتونىڭ بۇ قارارگاھىدا ئامېرىكا ۋە تۈركىيە ئەسكەرلىرى تۇراتتى. ئافغانىستان دائىرىلىرى 50 ئەسكەر ئۆلگەنلىكىنى جاكارلىدى، ئەمما بۇ ئەسكەرلەرنىڭ دۆلەت تەۋەلىكىنى ئېيتمىدى. ئەمەلىيەتتە بۇ ۋەقەدە يارىلانغان ئەسكەر 77 دىن ئارتۇق، ۋەقەدە ئۆلگەن ۋە يارىلانغان بىگۇناھ يەرلىك خەلقنىڭ سانى ناھايىتى كۆپ.
ن ب س تېلېۋىزىيە خەۋەرلىرىدە بايان قىلىنىشىچە، پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىنا رەببانى خار خانىم تۈنۈگۈن كەچتە پاكىستاندىكى بىر شەخسىي تېلېۋىزىيە قانىلىدا قىلغان سۆزىدە، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاننى ئەيىبلىگەنلىكىگە رەدىيە بېرىپ، ئامېرىكا ئەمدى پاكىستان ھۆكۈمىتى ۋە پاكىستان خەلقى بىلەن مۇناسىۋەتنى يېراقلاشتۇرسا، بۇنىڭ ھۆددىسىسدىن چىقمىقى تەسكە توختايدۇ، پاكىستان بىلەن يېراقلاشقانلىقى ئۈچۈن ئېغىر بەدەل تۆلەيدۇ، دەپ جاكارلىغان.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقى، مالىيە ۋاقىت گېزىتى، تېلېگراف گېزىتى، ب ب س قاتارلىق ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى بۈگۈن كەينى-كەينىدىن خەۋەر ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا بىلەن پاكىستان مۇناسىۋىتىدە يۈز بەرگەن جىددىيلىكنىڭ تەپسىلاتىنى تونۇشتۇردى. بۇ ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى بۇ ھەقتىكى بايانلىرىدا، ئامېرىكا بۇ رايوندا پاكىستانسىز مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ، ئامېرىكا ئەمدى ئىتتىپاقدېشىدىن ئايرىلىپ قېلىشى مۇمكىن دېگەن سۆزلەرنى قوش تىرناق ئىچىگە ئېلىپ خەۋەر قىلدى.
خىتاينىڭ ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى بۈگۈن ئامېرىكا-پاكىستان مۇناسىۋىتىدە يۈز بەرگەن جىددىيلىك ھەققىدىكى بايانلىرىدا، پاكىستان بۈگۈن ئامېرىكىغا ئاگاھلاندۇرۇش بەردى دېگەن نۇقتىنى گەۋدىلەندۈردى. خىتاينىڭ «خەلقئارا كۆزەتكۈچى» دېگەندەك ھەربىي ئىشلارغا مۇناسىۋەتلىك تور بەتلىرىدە بولسا، ئامېرىكا ئەمدى پاكىستاننى يەنە بىر ئافغانىستانغا ئايلاندۇرامدۇ دېگەن تېمىدا مۇنازىرە باشلاندى.