ئامېرىكا پرېزىدېنت سايلىمى ئەڭ جىددىي بولىدىغان ئاخىرقى بىر ھەپتە

ئامېرىكىدا پرېزىدېنت سايلىمى بۇ يىل 2 ‏ - ئايدىلا باشلانغان ئىدى. 8 ‏ - ئايدا، دېموكراتلار پارتىيىسى بىلەن جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىدىن ئىبارەت ئىككى پارتىيە قۇرۇلتايلىرىنى ئېچىپ، سايلام رىقابىتىگە قاتناشقانلار ئىچىدىن بىردىن پرېزىدېنت ۋە مۇئاۋىن پرېزىدېنت نامزاتىنى تاللاپ چىقتى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2008.10.28
Obama-Mekkeyin-Saylam-305.jpg ﺩﯦﻤﻮﻛﺮﺍﺗﻼﺭ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﻪﺗﭽﯩﻠﻪﺭ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺑﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪ ﻛﺎﻧﺪﯨﺪﺍﺗﻠﯩﺮﻯ ﻣﯩﻜﻜﯧﻴﯩﻦ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺑﺎﻣﺎﻧﯩﯔ ﻣﯘﻧﺎﺯﯨﺮﻩ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ.
AFP Photo

شۇنىڭدىن كېيىن ئىككىنچى باسقۇچلۇق سايلام باشلاندى. سايلامنىڭ ئاخىرقى بېلەت تاشلاش كۈنى 11‏ - ئاينىڭ 4 ‏ - كۈنى. قايسى پارتىيىنىڭ پرېزىدېنت نامزاتى غەلىبە قىلغانلىقى مەلۇم بولىدىغان بۇ ئاخىرقى كۈنگە يەنە بىر ھەپتە قالدى.

ئىككى نامزات ھازىر سايلامغا مۇھىم تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان شىتاتلاردا رىقابەتلىشىۋاتىدۇ

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، پرېزىدېنت سايلىمىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ھەپتىسىدە، باراك ئوباما بىلەن جوھن مىككېيىن ھازىر، ھەر قېتىملىق پرېزىدېنت سايلىمىدا مۇھىم تەسىر كۆرسىتىپ كېلىۋاتقان ئوخايو شتاتى قاتارلىق بىر نەچچە شىتاتتا ئەڭ ئاخىرقى سايلام رىقابىتىگە چۈشتى. ئۇلار نۇقتىلىق مەسىلىلەردە يەنىلا ئۆز - ئارا ھۇجۇم قوزغىماقتا.

باراك ئوباما 'سايلام نۇتقىدا، ئەگەر پرېزىدېنت بولۇپ سايلانسا، دۆلەت ئىچىدە ئىككى پارتىيىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ئىقتىسادىي رىقابەتكە، خەلقئارادا بولسا بىخەتەرلىك رىقابىتىگە تاقابىل تۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. شۇنداقلا ئۇ يەنە جوھن ماككېيننى پرېزىدېنت بۇشنىڭ سىياسەتلىرىنىڭ ۋارىسى دېيىش ئارقىلىق ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىشنى توختاتمىدى.

جوھن ماككېينمۇ سايلام نۇتقىدا، باراك ئوبامانىڭ باج ئىسلاھاتى توغرىسىدىكى پىلانىدا مەسىلە بار، ئۇ بايلىق يارىتىشنى ئەمەس، بەلكى بايلىقلارنى كونترول قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ، ھەممە ئامېرىكىلىق ئۈچۈن خىزمەت ۋە بايلىق پۇرسەتلىرى يارىتىش ئەمەس، بەلكى بايلىقنى تەقسىم قىلىۋېتىشنى مەقسەت قىلىدۇ، دەپ ھۇجۇم قىلىشنى توختاتمىدى.

ھازىرغا قەدەر تاشلانغان بېلەت سانىدىن قارىغاندا، جوھن مىككېيىن ئېرىشكەن بېلەت سانى، سايلام باشلانغاندىن بۇيان ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ كېلىۋاتقان باراك ئوباماغا يېتىشىۋېلىشقا يەنە يەتتە توچكا قالدى. جوھن مىككېيىن بۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ. ئوباما بولسا قوللىغۇچىلىرىنى ھازىرقى ئۈستۈنلۈكنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن بىخەستىلىك قىلماسلىققا چاقىرىۋاتىدۇ.

ئامېرىكىنى ئىناۋەتلىك قەرز كرىزىسىدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن بىر چوڭ مالىيە پىلانى كېرەك

ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ قارىشىچە، جورج بۇش ھۆكۈمىتى مەزگىلىدىكى ئىراق ئۇرۇشى سەۋەبىدىن ئامېرىكىنىڭ چىقىمى ئېشىپ كەتتى، دۆلەت ئىچىدە ئىناۋەتلىك قەرز كرىزىسى پەيدا بولدى.

ئامېرىكىنى بۇ كرىزىستىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئىقتىسادنى گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولىدىغان بىر چوڭ مالىيە پىلانى بولۇش كېرەك. ئامېرىكا خەلقى ھازىر ئىككى نامزاتنىڭ ئىقتىسادنى گۈللەندۈرۈش پىلانلىرىنىڭ قايسى مۇۋاپىق ئىكەنلىكىنى تاللىۋېلىش ئۈچۈن باش قاتۇرۇۋاتىدۇ.

باراك ئوباماغا قەست قىلىشنى پىلانلىغان ئىككى ئاق تەنلىك ئىرقچى قولغا ئېلىندى

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈن خەۋەر قىلىشىچە، دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ پرېزىدېنت كاندىداتى باراك ئوباما ئۆزىنىڭ ئاۋاز ئۈستۈنلۈكىنى ساقلاش ئۈچۈن، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ پرېزىدېنت نامزاتى جوھن مىككېيىن بولسا ئۆزىنىڭ غەلىبە قازىنىشى ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان جىددىي پەيتتە، ئاق تەنلىك ئىرقچى دانىيال كوۋارد )يىگىرمە ياش( بىلەن پاۋل شلېسسىلمان )ئون سەككىز ياش( ئىككىلەيلەن باراك ئوبامانى ئۆلتۈرۈشنى پىلانلىغانلىقى ئۈچۈن تەنناسى شىتاتىنىڭ فېدېرال تەپتىشلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىندى.

ئافرىقىلىقلار ئوبامانى ئالقىشلىماقتا

مەركىزى ئاگېنتلىقىنىڭ يوھەننىس بۇرگتىن خەۋەر قىلىشىچە، ئۇگاندا، كېنىيە، جەنۇبىي ئافرىقا قاتارلىق ئافرىقا دۆلەتلىرىدە، كىشىلەر ئامېرىكا پرېزىدېنتى بولۇپ سايلىنىشى مۇمكىن بولغان ئافرىقا نەسلىدىكى باراك ئوباماغا ئالقىش ياغدۇرماقتا. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ئەگەر ئوباما ئامېرىكىنىڭ 46‏ - قېتىملىق پرېزىدېنتى بولسا، ئىراقتا ۋە باشقا دۆلەتلەردە ئۇرۇش توختايدۇ.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە يەنە، ئافرىقا دۆلەتلىرىدە ئەزەلدىن ئامېرىكىغا قىزىقمايدىغان قىز - ئوغۇل ياشلار ئىچىدىمۇ ھازىر ئوبامانى ئۆزىنىڭ ئۈلگىسى، غايىسى دەپ قاراپ، ئوباما سۈرەتلىك مايكا كىيىش مودا بولدى. ئوبامانىڭ ئاتا يۇرتى كېنىيىدە بولسا، ئامېرىكىدىكى سايلام ئۇچۇرلىرىدىن خەۋەر تېپىش ئۈچۈن كىشىلەر TV دىن كۆز ئۈزمەي، ھاياجانلىنىپ مۇنازىرە قىلىشماقتا ۋە ئامېرىكىدىكى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ كاندىداتى جوھن ماككېيننىڭ قوللىغۇچىلىرى ئوبامانى 'سوتسىيالىزىمچى' دېگەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرمەكتە.

بىتەرەپلەرمۇ باراك ئوباما بىلەن قەھرىمان ماككېيننىڭ قايسىسىغا بېلەت تاشلاشنى جىددىي ئويلاشماقتا

بۇ قېتىمقى پرېزىدېنت سايلىمىدا، بىتەرەپلەرنىڭ كىمگە بېلەت تاشلايدىغانلىقىنى بەلگىلىۋالغاندىن كېيىن قوشۇلىدىغان بېلەت سانىغىمۇ سەل قارىغىلى بولمايدۇ. ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەھلىلچىسى رىچنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكىدا بىتەرەپ ھالەتتە تۇرۇۋاتقان سايلام ئەھلىمۇ، ھازىر زىرەك ئوباما بىلەن قەھرىمان ماككېيننىڭ قايسىسىغا بېلەت تاشلاشنى جىددىي ئويلاشماقتا.

ئاياللارنىڭ تۇغۇشنى تاللاش ھوقۇقى مەسىلىسىدە ۋە ئوخشاش جىنسلىقلارنىڭ توي قىلىشنى قانۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىدە، ئۇلارنىڭ ماككېينگە بېلەت تاشلايدىغانلىقى ئېنىق. ئەمما ئىقتىسادىي مەسىلە ۋە دېپلوماتىيە مەسىلىسى جەھەتتە، قايسى كاندىداتقا بېلەت تاشلاشنى تاللىۋېلىشى ھازىر گەرچە قىيىندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما كېلەر سەيشەنبە كۈنى چۇقۇم بىرسىگە بېلەت تاشلايدىغانلىقى ئېنىق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.