'ئامېرىكا سەپىرى' ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمدە ئامېرىكىدىكى مۇسۇلمانلار تونۇشتۇرۇلدى

ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور Akbar Ahmed ئەپەندى بىر قىسىم ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئىىسلام دىنى ۋە مۇسۇلمانلارغا بولغان سەلبىي قاراشلىرىنى يوقىتىش ئۈچۈن، ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، پائالىيەتلىرىنى كۈچلەندۈرۈش ۋە گۈزەل ئەخلاق پەزىلىتى ئارقىلىق كىشىلەرنى قايىل قىلىش تەشەببۈسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ
2010-11-18
Share
amerika-sepiri-islam-dini-305 ﺳﯜﺭﻩﺕ، 'ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺳﻪﭘﯩﺮﻯ' ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﭘﻨﯩﯔ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ.
www.amazon.com دىن ئېلىندى.

ئەڭ يېڭى مەلۇماتلارغا ئاساسەن، ئامېرىكىدا يەتتە مىليون ئەتراپىدا مۇسۇلمان ياشايدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا. ئامېرىكىنىڭ ھەرقايسى شىتاتلىرىدىكى شەھەرلەردە كۆپلىگەن مەسچىتلەر بولغاندىن سىرت، Michigan شىتاتىنىڭ Dearborn شەھىرى ئەرەب مۇسۇلمانلىرىنىڭ ماكانى ھېسابلىنىدۇ. ئامېرىكىدىكى ئەڭ قەدىمىي مەسچىت Ayova شىتاتىدا بولۇپ، شىيە مۇسۇلمانلىرى مەركىزى NewYork تا، ھەمدە پايتەخت ۋاشىنگتونغا ئەڭ چوڭ ئىسلام مەركىزى جايلاشقان.

ئومۇمەن ئىسلام دىنى ئامېرىكىنىڭ ھەممە جايلىرىغىچە، بولۇپمۇ مۇھاجىرلار كۆپ ياشايدىغان جايلاردا تۇرمۇشنىڭ ئايرىلماس قىسمىغا ئايلىنىپ بولغان شۇنىڭدەك ئامېرىكىدا ياشايدىغان مۇسۇلمانلار بولسا ھەر قايسى ساھەلەردە مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەپ، ئامېرىكا ئۈچۈن زور تۆھپىلەرنى قوشماقتا.

شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، بىر قىسىم ئامېرىكىلىقلاردا مۇسۇلمانلارغا قارىتا سەلبىي قاراشلارمۇ مەۋجۇت بولۇپ، پاكىستانلىق سابىق دىپلومات،  ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى Akbar Ahmad ئەپەندى، ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئىسلامنى ئۆزلىرىگە تەھدىت دەپ قارايدىغانلىقىنى، بۇ خىل كۆز قاراشلارغا رەددىيە بېرىش ئۈچۈن بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، پائالىيەتلەرنى كۈچلەندۈرۈشىنى، بولۇپمۇ گۈزەل ئەخلاق پەزىلىتى ئارقىلىق كىشىلەرنى قايىل قىلىشىنى تەشەببۈس قىلغان.

ئەكبەر ئەخمەت ئەپەندى يەنە  ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن بىرگە ئامېرىكىنىڭ75 شەھىرىدە، مەخسۇس تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، "ئامېرىكا سەپىرى" ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم ھازىرلىغان. فىلىمدە ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئىسلام دىنىغا ۋە مۇسۇلمانلارغا قارىتا ئىجابىي ۋە سەلبىي قاراشلىرى كۆرسىتىلگەن.

فىلىمدە بىر قىسىم ئامېرىكىلىقلار  "مۇسۇلمانلارنى ياخشى كۆرمەيمىز، ئۇلار بىزنىڭ ئەيساغا باش ئۇرمايدۇ" دېيىشسە، يەنە بىر قىسىملىرى، "مۇسۇلمانلار يۇرتىمىزنى ئىگىلىۋىلىپ، ئىسلام ئەقىدىسى بويىچە تۈزۈم بەرپا قىلىشقا ئۇرۇنماقتا "، "مۇسۇلمانلار ئاياللارنى خورلايدۇ" دېگەن.

ئەكبەر ئەخمەت ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، 11 ‏- سېنتەبىردىن كېيىن ئامېرىكىدا موسۇلمانلارغا بولغان قاراشلار ئۆزگەرگەن. ئىسلام دىنى ۋە مۇسۇلمانلارغا بولغان سەلبىي قاراشلارنى يوقىتىشنىڭ بىردىن ‏- بىر يولى، مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى پائالىيەتلەرنى كۈچلەندۈرۈشتىن ئىبارەت ئىكەن.

ئەكبەر ئەخمەت ئەپەندىنىڭ "ئامېرىكا سەپىرى" ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمىگە ئىنتايىن يۇقىرى باھا بېرىلگەن. بۇ خىل باھالاردا بۇنىڭدىن ئىلگىرى مۇسۇلمانلارنى تولۇق چۈشەندۈرىدىغان، مەزكۈز ھۆججەتلىك فىلىمدەك مۈكەممەل بىر تونۇشتۇرۇشنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىمىغانلىقى تەكىتلەنگەن بولۇپ، فىلىمدە مۇسۇلمان زىيالىيلار، دوختۇر، ھۆنەرۋەن، تىجارەتچى ۋە ئادۋوكات ئاياللار توغرىسىدىكى مەلۇماتلارنى كۆرگىلى بولىدۇ.

مەسىلەن، فىلىمدە 1971 ‏- يىلى ئامېرىكىغا پەقەت 100 دوللار بىلەن كېلىپ، ھازىر ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ كارخانىچىلار قاتارىدىن ئورۇن ئالغان Munir Chodiry ئەپەندىنىڭ ھاياتى تونۇشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇ" :مەيلى قايسى ساھەدە بولسۇن، ئىنسان تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ مېھنەت قىلسىلا، كۆزلىگەن مەقسىتىگە يېتىدۇ، ھازىر مېنىڭ كارخانامدا مىڭلىغان كىشى خىزمەت قىلىدۇ" دېگەن.

ئامېرىكىدا 10 يىلدىن بۇيان ياشاۋاتقان جامائەت ئەربابى غەيرەت ھاجىمنىڭ قارىشى Munir Chodiry بىلەن ئوخشاش بولۇپ، ئۇ ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئەركىن ئىبادەت قىلىش بىلەن تەڭ، ھەرقايسى ساھەلەر بويىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ياخشى ھايات كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

"ئامېرىكا سەپىرى" فىلىمىدە تەسۋىرلىشىچە يەنە، ۋىرجىنىيا شىتاتىغا جايلاشقان "ئارلىڭتون دۆلەتلىك قەبرىستانلىقى"دا يۈزلىگەن مۇسۇلمانلارنىڭ قەبرىسى بار بولۇپ، ئۇلار ئامېرىكىنى ئۆزىنىڭ ئانا ۋەتىنى ئورنىدا قوغداپ، كۈرەش قىلىپ ئىسسىق قېنىنى تۆككەن جەڭچىلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغان. مەلۇماتلارغا قارىغاندا نۆۋەتتە 15 مىڭ مۇسۇلمان ئامېرىكا ئارمىيىسىدە ۋەزىپە ئۆتىمەكتە.

پروفېسسور ئەكبەر ئەخمەت ئەپەندى سۆزىدە يەنە، نيۇيوركتىكى "ئەركىنلىك ئىلاھى" نىڭ ئامېرىكىنىڭ سىمۋولى ئىكەنلىكىنى، بۇ زېمىنغا قەدەم باسقان ھەر ئىنساننىڭ قىزغىن كۈتىۋېلىنىدىغانلىقى، شۇڭا مۇھاجىرلارنىڭ بۇ دۆلەتنىڭ روناق تېپىشى ئۈچۈن ھەسسە قوشۇپ، تۆھپىكار پۇقراغا ئايلىنىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت