ئامېرىكا بىلەن خىتاي كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتى ئېلىپ بارماقچى

ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما خىتاي زىيارىتىدىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا 2010 - يىلىنىڭ بېشىدا ئامېرىكا - خىتاي كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ، ئوباما ھۆكۈمىتى ھاكىمىيەت بېىشىغا كەلگەندىن بېرى خىتاي بىلەن ئېلىپ بارىدىغان تۇنجى كىشىلىك ھوقوق سۆھبىتى ھېسابلىنىدۇ.

0:00 / 0:00

ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتى ئارىدا 6 يىل ئۈزۈلۈپ قالغاندىن كېيىن 2008 - يىلى ئەسلىگە كەلگەن ۋە 2008 - يىلى 5 - ئايدا بېيجىڭدا ئېلىپ بېرىلغان ئىدى.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما خىتاي بىلەن كېلەر يىلنىڭ بېشىدا سۆھبەت ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى ئەزالارنىڭمۇ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى. ئۇلار بۇنى ياخشى بىر ئىلگىرىلەش دەپ قارىدى.

ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزالىرىدىن دىك لۇگېر ئەپەندى ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىدا بۇ ھەقتە توختىلىپ: "بۇ ناھايىتى مۇھىم بىر تەرەققىيات. بىز باراك ئوبامانىڭ خىتايدا كىشىلىك ھوقۇقنى تەكىتلىشىنىڭ قانچىلىك مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلىمىز، شۇڭا ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى بۇ سۆھبەتنىڭ داۋام قىلىدىغانلىقىدىن مەمنۇن بولدۇق. ئىككى دۆلەت ئۈچۈن ئېلىپ ئېيىتقاندا بۇ ناھايىتى مۇھىم تەرەققىيات،" دېدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان باشقا ئاۋام پالاتا ئەزالىرىمۇ بىردەك بۇنىڭ ياخشى بىر تەرەققىيات ئىكەنلىكىنى دېيىشتى.

ئۇنداقتا كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىدە نېمىلەر مۇزاكىرە قىلىنىدۇ، بۇنىڭ كونكرېت ئەھمىيىتى بولامدۇ ؟ بىز بۇ ھەقتە ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.