ئۆيى چېقىلغان بىر ئۇيغۇر: ئاقسۇدا كۈن ئالماق بەك تەس بولۇپ كەتتى

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى تەۋەسىدە ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ يەر-زېمىنلىرىنى بىر قەدەر كۆلەملىك ۋە تىز سۈرئەتتە ئىگىلەۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2012.07.16
egiz-binalar-arsidia-qalghan-igech-305.jpg ئەگىز بىنالار ئارىسىدا قالغان ئىگەچى يېزىسى.)
google map

بىز ئالدىنقى قېتىملىق پروگراممىمىزدا ئاقسۇ ئىگەچى يېزىسىدىكى مەلۇم بىر يېزا كادىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتنى ئاڭلاتقان ۋە مەزكۇر يېزا تەۋەسىدە 3 مىڭدىن ئارتۇق دېھقاننىڭ يەر-زېمىنلىرىدىن ئايرىلىپ، سەرسانلىقتا تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر بەرگەن ئىدۇق.

بۈگۈن شۇ خىل قىسمەتكە دۇچار بولغان ئىگەچى يېزىسى كۆكتاتچىلىق كەنتى (سەي دادۈي) دىكى دېھقان ياسىن قۇرباننىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلىتىمىز. ياسىن قۇربان ئائىلىسى نۆۋەتتە ئۆز بېشىغا كەلگەن ناھەقچىلىكلەر ئۈستىدىن ئەرز قىلىشنى داۋام قىلماقتا.

2008- يىلى دائىرىلەر «مەكتەپ سېلىش» دېگەن باھانىدە ئاقسۇ ئىگەچى يېزىسى كۆكتاتچىلىق كەنتى (سەي دادۈي) دىكى 51 ئائىلىنى تۇرالغۇ ئۆي ۋە تېرىلغۇ يەرلىرىدىن كۆچۈرۈپ ئۇلارنىڭ 150 مو يېرىنى ئىگىلىۋالغان.

بۇ 51 ئائىلىلىكنىڭ ئىچىدە پەقەت ئىككى ئائىلىلىكلا خىتاي دېھقانلار بولۇپ، قالغان 49 ئائىلە ئۇيغۇر ئىكەن.

جەمئىي 14 جان نوپۇسقا ئىگە ياسىن قۇربان ئائىلىسى ئەنە شۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بىرى. ياسىن قۇربان دائىرىلەرنىڭ شەرتلىرىگە كۆنمىگەن، ھەتتا چېقىش توختامىغا قول قويمىغان شارائىتتىمۇ ئۇنىڭ ئۆي-مۈلۈكى توپا ئىتتىرىش ماشىنىلىرى بىلەن تۈزلىنىپ، بارلىق بىساتى توپا ئاستىدا قالغان.

شۇندىن ئېتىبارەن بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرى ھەر يەرلەردە سەرسان، ئىككى ئوغلى ۋە ياسىن قۇربان ئەر-ئايال قاتارلىقلار بولسا خىتاينىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىغا ئەرز قىلىش بىلەن ئاۋارە.

ۋەھالەنكى، بىز يۇقىرىدا ئاڭلىغىنىمىزدەك ئۇلارنىڭ قانۇنلۇق ئەرزى ھازىرغىچە ھەل بولغىنى يوق.

ياسىن قۇربان ئاقسۇ تەۋەسىدە بۇ خىل قارا قىسمەتلەرگە يولۇققان مىڭلىغان دېھقانلار ئىچكى يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرىگە ئېتىراز بىلدۈرۈشكە جۈرئەت قىلالىغان ۋە ئۇلارنىڭ شەرتلىرىگە كۆنمەي ئۆز ھەق-ھوقۇقنى قوغداش يولىدا كۈرەش قىلىۋاتقان جىگەرلىك كىشىلەرنىڭ بىرى.

ئاقسۇ جۈملىدىن پۈتكۈل ئۇيغۇر ئېلى مىقياسىدا بۇ خىل قىسمەتلەرگە يولۇققان ئۇيغۇرلارنىڭ ھېكايىلىرى يەنە كۆپ بولۇشى مۇمكىن. بۇ ھەربىرىمىزنىڭ تىرىشچانلىقى ئاستىدا دۇنياغا ئاشكارىلانغۇسى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ياسىن قۇرباننىڭ ئايالى رابىيە يۈسۈپنىڭ بايانلىرىنى ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.