ئاقسۇ ئىگەچى يېزىلىق ساقچىخانىنىڭ كوچا چارلاش ئەترىتى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

بۈگۈن ئەتىگەن سائەت 8 ئەتراپىدا ئاقسۇ شەھىرى ئېگەرچى يېزىلىق ساقچىخانىنىڭ كوچا چارلاش ئەترىتى پارتلىتىش ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى. ھۇجۇمدا 7 كىشى ئۆلگەن ۋە 14 كىشى يارىدار بولغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﻮﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2010.08.19
Aqsuda-partlash-weqesi-305 ئەتىگەن سائەت 8 ئەتراپىدا، ئاقسۇ شەھىرى ئېگەرچى يېزىلىق ساقچىخانىنىڭ كوچا چارلاش ئەترىتى پارتلىتىش ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان ئورۇن كۆرسىتىلگەن خەرىتە. 2010-يىلى 19-ئاۋغۇست.
AFP Photo

ۋەقە يېزىلىق ساقچىخانىدىن 500 مېتىر ئۇزاقلىقتىكى بىر كۆۋرۈك ئۈستىدە يۈز بەرگەن. ۋەقەدە جەمئىي 7 كىشى ئۆلگەن 14 كىشى يارىدار بولغان. ھۇجۇمغا ئۇچرىغان چارلاش ئەترىتى 15 كىشىدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، بۇلاردىن 4 نەپىرى ئۆلگەن قالغانلىرى يارىدار بولغان.

ئۇيغۇر رايونلۇق ھۆكۈمەت باياناتچىسى بۈگۈن بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ ۋەقەنىڭ بىر جىنايى ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى ۋە ۋەقەنىڭ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن؛ ۋەقە سادىر قىلغۇچىنىڭ كىملىكى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىگەن. تولۇقسىز مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، ھۇجۇم قىلغۇچى، ئۈچتۇرپانلىق 22 ياشلىق بىر ئۇيغۇر ياش.

بۈگۈنكى پارتلىتىش ۋەقەسىدە، يول ئۈستىدە كېتىۋاتقان پۇقرالاردىنمۇ 3 كىشى ئۆلگەن، يەنە بىر نەچچە كىشى يارىدار بولغان. يارىدارلار نۆۋەتتە، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك 1 ‏- دوختۇرخانىدا داۋالانماقتا. يارىدارلاردىن يەنە بىر قىسمى 2 ‏- دوختۇرخانىدا بولۇپ، نۆۋەتتە جىددىي قۇتقۇزۇش داۋام قىلماقتا.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، ئاقسۇدا يۈز بەرگەن پارتلىتىش ۋەقەسى ھەققىدىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.