ئارىمىزدا شۇنداق ئالاھىدە كىشىلەر بار

ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر، ھەممە ئەزايى ساق بولغان نورمال كىشىنىڭ، جىسمانىي جەھەتتىن مېيىپ مەجرۇھ كىشىلەرنىڭ روھىي دۇنياسىنى چۈشۈنۈپ كېلىشى ناتايىن، ئەتراپىمىزدىكى مېيىپ كىشىلەردىن سوراپ باقساق ئۇلارنىڭ جەمئىيەتتىن كۈتۈدىغىنى پەقەت ئۇلارنىڭ جىسمانىي ئاجىزلىقىغا ئىچ ئاغرىتىش، ياكى تۇرمۇشىنى قامدىشىغا ئانچە مۇنچە ساخاۋەت كۆرسىتىش ئەمەس، ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ كۈتىدىغىنى يەنى نورمال ئىنسانلاردىن كۈتىدىغىنى ئۇلارنى جەمئىيەتنىڭ بىر ئەزاسى دەپ بىلىش ۋە ئۇلارنىڭمۇ نورمال روھىي دۇنياسى بارلىقى ھەتتا بەزى جىسمانىي جەھەتتىن ساغلام كىشىلەردىنمۇ كۈچلۈك ئىرادىگە ئىگە، ئاجايىپ غايە ۋە ئارزۇلىرىنىڭ بارلىقىنى ئېتىراپ قىلىشتۇر.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ
2009.02.20

بىلىش كېرەككى روھىي مەجرۇھلۇق جىسمانىي مەجرۇھلۇقتىنمۇ يامان. ئىنساننى يىقىتىدىغىنى جىسمانىي ئاجىزلىق ئەمەس بەلكى روھىي ئاجىزلىق.

ئىنكاسلاردىن مەلۇمكى خىتايدا جۈملىدىن ئۇيغۇر ئېلىدە مېيىپلارغا نىسبەتەن مۇكەممەل بىر جەمئىيەت سىستېمىسى بەرپا قىلىنمىغان، ئۇلارنىڭ ئىنسانىي ھەق -  ھوقۇقلىرى ھەققىدە توختىلىشتىن بۇرۇن ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي كاپالىتى ھەتتا جەميەتتە ئورنىنىڭمۇ بولمايۋاتقانلىقدەك رېئالنى مەسىلىلەر ئالدىمزنى توسايدۇ. مېيىپلارنى ئاجىز دەپ قاراۋاتقان جەميەتتە ئۇلارغا بولغان كۆڭۈل بۆلۈشىمۇ پەقەت ماددىي جەھەتتىكى ئىقتىسادىي جەھەتتىكى ياردەملەر بىلەنلا چەكلىنىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئەتراپىمىزدىكى جىسمانىي جەھەتتىن مەجرۇھ بولغان كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئىنسانلارنىڭ ئۇلارنىمۇ بىر نورمال ئىنسان دەپ قارىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، ئۇلار كىشىلەرنىڭ خەيرى ساخاۋىتى، مېھرى شەپققەت يەتكۈزىشىدىن بەكرەك، ئۆزلىرىگە نورمال ئىنسان سۈپىتىدە ھۆرمەت قىلىشىنى كۈتىدۇ.

ئۇلارنىڭ ئارىسىدا شۇنداق ئىرادىلىك كىشىلەر باركى ئۇلارنىڭ روھىيىتى ئادەتتىكى ساغلام كىشىلەردىنمۇ ساغلام ھەم كۈچلۈك، ئۇلار بۇ مەجرۇھلۇقىدىن ئىبارەت رېئاللىقنى ئېتىراپ قىلىپ ھەم شۇنى يېڭىپ ياشىماقتا. ئۇلار دۇنياغا باشقا نۇقتىدىن تۇرۇپ قارايدۇ، ئۇلار شۇنچىلىك شۈكرى قانائەتچانكى ئۇلار ئۆزلىرىگە ئادىل مۇئامىلە قالمايۋاتقان، ئاران سىغدۇرۇۋاتقان مۇشۇ جەمئىيەتكە يەنىلا مىننەتدارلىق بىلدۈرىدۇ. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى سىز ۋە بىزگە ئوخشاش جىسمانىي جەھەتتىن ساغلام كىشىلەر قىلالمايدىغان ئىشلارنىمۇ ۋۇجۇتقا چىقىرالايدۇ، ھېچ بولمىسا شۇنىڭ ئۈچۈن تىرىشىدۇ.

قەشقەردىكى گۈلباھار تۇرسۇن ئىسىملىك بىر قىز يېقىندا ئۇيغۇر تور بەتلىرىگە " مەن بۆرىكىمنى ھەقسىز تەقدىم قىلىمەن" دېگەن مۇراجىئەتنى ئېلان قىلدى.

ئىنسان ھاياتىدا نۇرغۇن ھىجران ئازابلىرىغا ئۇچرىشى مۇمكىن، ئەمما ئىنسان ئۈچۈن ئۆز جىسمىنىڭ بىر قىسمى بىلەن ۋىدالىشىشتىنمۇ ئارتۇق ھىجران بولماس، مانا بۇ ئۆز بۆرىكىنى تەقدىم قىلىش ئارقىلىق يەنە بىر ئىنساننى قۇتقۇزۇش ئىرادىسىگە كەلگەن گۈلباھار، رىۋايەتلەردىكى ئاقكۆڭۈل پەرىشتىمۇ ئەمەس، جىسمانىي جەھەتتىن ئالاھىدە ساغلام بىر قىزمۇ ئەمەس، ئەمەلىيەتتە ئۆزى بىر مېيىپ قىز.

گۈلباھار قانلىق بەدەل بېرىش ئورنىغا بۇ دۇنيادا بىر ئىنسان سۈپىتىدە ئىز قالدۇرۇشنى، ئىنسان سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىنىشنى ئويلىماقتا. دۇنيا، تەقدىر، جەمئىيەت ئۇنىڭغا رەھىمسىز بولسىمۇ ئۇ يەنىلا ئادەتتىن تاشقىرى مېھىر شەپقەتلىك يۈرىكى بىلەن جاۋاب قايتۇرماقتا. رېئاللىقتىكى پەرىشتە كەبى گۈلباھارنىڭ ئۆزىنىڭ ئاخىرقى ساق ئەزاسىنىمۇ تەقدىم قىلىش ئارقىلىق، يەنە بىر ھاياتلىققا ياشاش ئۈمىدى ئاتا قىلىش ئارزۇسى جەمئىيەتنى تەسىرلەندۈرمەكتە، ئويغاتماقتا.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.