ئارسلان ئالپتېكىن باشچىلىقىدىكى ھەيئەت تۈركىيە پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشتى

شەرقىي تۈركىستان پائالىيەتچىسى ئارسلان ئالپتېكىن بىلەن ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچسى، ئەيسا يۇسۇف ئالپتېكىننىڭ ئىككى توملۇق ئەسلىمىسىنى، پولات قادىرى تۇرفانىنىڭ "ئۆلكە تارىخى" ناملىق ئەسىرىنى نەشىرگە تەييارلىغان تارىخچى ئۆمەر قۇل ئەپەندى 4 - ئاينىڭ 9 - كۈنى ئەنقەرەگە كېلىپ تۈركىيە پارلامېنتىدە تۈرك پارلامېنت ئەزالىرىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە مەلۇمات بەردى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

0:00 / 0:00

بولۇپمۇ ھازىر ھاكىمىيەت بېشىدا بولغان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى پارلامېنت ئەزاسى پروف.در. جەلال ئەرباي ئەپەندى ئۇلارنى پارلامېنت بىناسىدىكى ئىشخانىسىدا قوبۇل قىلىپ 2 سائەت مۇڭداشتى. ئۇ ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە مول مەلۇماتقا ئىگە بىر كىشى بولۇپ، ئۇلاردىن نۇرغۇن سوئاللارنى سوراپ، ئەتراپلىق مەلۇمات ئالدى.

پارلامېنت ئەزاسى جەلال ئەرباي ئەپەندى خەلقىغە زۇلۇم قىلغان تۈزۈمنىڭ ئاخىرى بىر كۈن بىتچىت بولىدىغانلىقىنى شۇڭا ئۇيغۇر خەلقىنىڭمۇ ھەرگىز ئۈمىدسىزلەنمەي ھەقلىق داۋاسىنى داۋام قىلدۇرۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى. ئۇ ئۆزىنى تۈركىيە پارلامېنتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەكىلى ھېسابلايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا يەنە چەتئەلدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ بولۇپمۇ تۈركىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشىنىڭ شەرت ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئارسلان ئالپتېكىن بىلەن ئۆمەر قۇل ئەپەندىنى بەزى مىنىستىرلارنىڭ مەسلىھەتچىلىرى ۋە ئۆكتىچى پارتىيىلارنىڭ پارلامېنت ئەزالىرىمۇ قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات ئالدى. ئۇلار ھەيئەتنى قىزغىن كۈتۈۋالدى. ئۇلار ھەيئەتكە ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە يەنە نېمىلەرنى دېدى؟

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.