دۇنيا كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئاستانا يىغىنى ھەققىدىكى بايانلىرى
2010.12.07

قازاقىستاندا چىقىدىغان "ۋرېميا" گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان "ئاسىيانى ياۋروپا بىلەن يېقىنلاشتۇرىمىز" ماۋزۇلۇق ماقالىنىڭ ئاپتورى مارگارىتا نىكىتىنانىڭ تەكىتلىشىچە، پەقەت كېچىسى سائەت بىردە قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېف مۇخبىرلار ئالدىدا سۆزگە چىقىپ، قازاقىستاننىڭ 2010-يىلقى ياۋروپا تەشكىلاتىغا رەئىسلىك پائالىيىتىنىڭ ئاساسىي نەتىجىلىرى، ئاستانا يىغىنىنىڭ مەزكۇر ھۆججىتىدە كۆرسىتىلگەن مەسىلىلەر ھەققىدە توختالغان. مۇخبىرلار بىلەن بولغان سۆھبەت يىغىنىدا ن.نازاربايېف مۇنداق دېگەن: "مېنىڭ سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا ئاستانا ۋاقتى كېچە سائەت 1 دە سۆزگە چىقىشىم، ئېھتىمالىم، ئاستانا ئۇچرىشىشىنىڭ كۈن تەرتىپىدە قارالغان بارلىق ماددىلىرى بويىچە پۈتكۈل 56 دۆلەتنىڭ بىر كېلىشىمگە كېلىشىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ ئاسان بولمىغانلىقىغا سىلەرنىڭمۇ كۆزۈڭلار يەتسە كېرەك. 2000 - يىلنىڭ بىرىنچى ئۇچرىشىشى پەقەت بىزنىڭ ئېلىمىز ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى تەشكىلات ئۆزىنىڭمۇ تارىخىدىكى ئەڭ مۇھىم ۋەقە بولدى. ئۆتكەنكى ئىككى كۈن ئىنتايىن مەزمۇنلۇق، قىزغىن بولدى. ئوچۇق ئېيتىمەنكى، ئاسان بولمىدى. مۇنازىرە ئىنتايىن قىزغىن راۋاجلاندى. قاتناشقۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتنىڭ ئاساسىي قەدرىيەتلىرىگە ئۆزلىرىنىڭ ئىخلاسمەنلىكىنى ئىپادىلىدى. بىزنىڭ ئۇچرىشىشلىرىمىز بويىچە بىز ئاستانا ھۆججىتىنى قوبۇل قىلدۇق ھەمدە بۇنىڭ ئارقىلىق تەشكىلاتنىڭ تەرەققىياتى، ئۇنىڭ بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىقنى مۇستەھكەملەشتىكى رولىنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئۆزىمىزنىڭ پىكىرداش جاۋابكارلىقىمىزنى دەلىللىدۇق. مەزكۇر ھۆججەت ياۋروپا تەشكىلاتىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنمۇ راۋاجلىنىشىغا پۇختا ئاساس بولىدۇ، چۈنكى ئۇ بارلىق قاتناشقۇچى دۆلەتلەرنىڭ ئومۇمىي پوزىتسىيىسىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ". ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، پرېزىدېنت ن. نازاربايېف ئۆز نۇتقىدا يىغىن يەكۈنلىرىگە، قازاقىستاننىڭ رەئىسلىك پائالىيىتىگە، شىمالىي كورىيە، ئىران، ئافغانىستان ۋە قىرغىزىستاندىكى ۋەزىيەتكە، دىنلار ئارا مۇناسىۋەتلەرگە، شەرق ۋە غەرب، شىمال ۋە جەنۇبنى يېقىنلاشتۇرۇشتىكى ئاستانىنىڭ رولى، ئىتالىيە باش مىنىستىرى سىلۋىئو بېرلۇسكونى بىلەن بولغان ئاستانا سەيلىسى ۋە پايتەخت تارىخى توغرىسىدا توختالغان.
خابار ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، س.بېرلۇسكونى ئاستانا شەھىرى ۋە پۈتكۈل قازاقىستان دۆلىتىنىڭ ياۋروپادىكى بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىقنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى رولىغا، ئۇنىڭ ئىقتىسادىي ئۇتۇقلىرىغا، يادرو قورالىغا قارشى كۈرەشتىكى ھەرىكەتلىرىگە يۇقىرى باھا بەرگەن. ئۇ شۇنداقلا ئەلدىكى مىللەتلەر ئارا رازىمەنلىك، دوستلۇق، دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىلىرىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.
رۇسىيىنىڭ "رىئا نوۋوستى" خەلقئارا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاستانا ئۇچرىشىشىدا گرۇزىيىدىكى توقۇنۇش شۇنداقلا تاغلىق قاراباغ مەسىلىلىرى بويىچە كېلىشىمگە كېلىش مۇمكىن بولمىغان. خەۋەردە شۇنداقلا ئا ق ش ۋەكىلىنىڭمۇ 11 يىل ئىچىدە بىرىنچى قېتىم بولۇۋاتقان تەشكىلات يىغىنىدا گرۇزىيە، تاغلىق قاراباغ ۋە مولداۋىيىدىكى توقۇنۇشلار بويىچە بىرەر ھەرىكەت پىلانىنى ئىشلەپ چىقىلمىغانلىقى بىلەن كېلىشەلمەيدىغانلىقى ئېيتىلغان.
رۇسىيىنىڭ "رېگنۇم" ئاخبارات ئاگېنتلىقى بولسا بەزى نارەسمىي مەلۇماتلارغا ئاساسلىنىپ، ئاستانا ھۆججىتىگە ئۇنىڭ بىر نەچچە قاتناشقۇچىسىنىڭ قول قويۇشتىن باش تارتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ قاتارىدا رۇسىيە، ئەرمىنىيە، گرۇزىيە ۋە ئۆزبېكىستاننىڭ بولغانلىقىنى كۆرسەتكەن. ئاگېنتلىق شۇنداقلا ئاستانا ھۆججىتىدە "گرۇزىيىنىڭ تېررىتورىيە پۈتۈنلۈكى"، رۇسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ جەنۇبىي ئوسېتىيە ۋە ئابخازىيىدىن چېكىندۈرۈلۈشى ۋە باشقىمۇ توقۇنۇشلار بويىچە ئېنىق مەجبۇرىيەتلەرنىڭ ياكى ماددىلارنىڭ ئورۇن ئالمىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
مەركىزىي ئاسىيا مەسىلىلىرى بويىچە مۇستەقىل ئانالىزچى دجوئاننا لىللىسنىڭ ياۋروئاسىيا تور بېتىدە ئېلان قىلغان "قازاقىستان:ئاستانا ئۇچرىشىشى ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى ئىختىلاپنى ئاشكارىلىدى" ناملىق ماقالىسىدە ئۇنىڭ قاتناشقۇچىلىرىنىڭ يىغىننىڭ بىرىنچى كۈنى بىخەتەرلىك ساھەسىدە خەۋپ-خەتەرگە قارشى تۇرۇشتا كېلىشىمگە كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما خۇلاسە مەجلىسىدە دېموكراتىيە، شۇ جۈملىدىن كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدىكى مەسىلىلەر بويىچە تۇغۇلغان چوڭقۇر ئىختىلاپلارنى ھەل قىلالمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ئەمدى، ئەنگلىيە ئانالىزچىسى مايكىل بىنىئون ئۆزىنىڭ 1-دېكابىر كۈنى ئازادلىق رادىئوسىدا ناتالىيا گولىتسىنا بىلەن بولغان سۆھبىتىدە ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى نەتىجىلىك تەشكىلات سۈپىتىدە تونۇمايدىغانلىقىنى، بۇ تەشكىلاتنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسىدىكى بەزى ۋەزىپىلىرىنى ياۋروپا ئىتتىپاقى، ناتو، تۈرلۈك مەزمۇندىكى ئومۇمىي ياۋروپا ئۇچرىشىشلىرىنىڭ ئورۇنلاۋاتقانلىقىنى، ياۋروپا تەشكىلاتىنىڭ ئۇلارنى پەقەت تەكرارلاۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. ئۇ شۇنداقلا تەشكىلاتنىڭ غەربىي ياۋروپا ئەللىرىنى مەركىزىي ئاسىيا ئەللىرى بىلەن يېقىنلاشتۇرۇش رولىنى ئويناۋاتقانلىقىنى، ئەمما بۇنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەرگە ھەل قىلغۇچى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ھەسسە قوشالمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
مايكىل بىنىئون شۇنداقلا ئاستانا يىغىنىنىڭ خۇلاسە ھۆججىتىدە يېڭى سىياسىي تەشەببۇسلارنىڭ بولىدىغانلىقىغا ھەمدە ئۇنىڭدا ناتو، ياۋروپا ئىتتىپاقى يىغىنلىرىنىڭ كۈن تەرتىپىدە ھېلىھەم قويۇلمىغان مەسىلىلەرنىڭ ئورۇن ئالىدىغانلىقىدىن گۇمانلانغان ئىدى.
رۇسىيە "مۇستەقىل گېزىتى " دە ئېلان قىلىنغان "ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئاساسىي مەسىلىسى مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمكارلىقى بولدى" ناملىق ماقالىدە تەشكىلاتنىڭ ئاستانىدە ئېچىلغان ئومۇمىي يىغىنىدا ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ سابىق سوۋېت ئەللىرىدىكى ۋەزىيەتكە بولغان قىزىقىشى بايقالدى دېيىلگەن. ماقالىدە مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمكارلىقى دائىرىسىدە قېلىپلاشقان سىياسىي، ئىقتىسادىي مەسىلىلەرنىڭ بىرىنچى نۆۋەتتە رۇسىيىنى قىزىقتۇرۇشى لازىملىقى، مەركىزىي ئاسىيا رايونىدا قېلىپلاشقان سىياسىي ۋەزىيەتتىن تاشقىرى تاجىك، ئۆزبېك ۋە قىرغىزلار ئوتتۇرىسىدا سۇ مەسىلىسىنىڭمۇ جىددىي تۇرۇۋاتقانلىقى، مۇشۇنىڭ بارلىقىنى ھەل قىلىشتا رۇسىيە رولىنىڭ مۇھىمراقلىرى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
ئانالىزچىلارنىڭ پىكىرلىرىنى خۇلاسىلىگەن ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئەمەلدىكى رەئىسى، قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى قانات سائۇدابايېفنىڭ "رىئا نوۋوستى" ئاگېنتلىقىدا ئېلان قىلغان سۆزىدە مۇنداق دېيىلگەن: بىز كۈن تەرتىبىمىزدىكى بەزى ئەڭ زۆرۈر بولغان مەسىلىلەرنى، شۇ جۈملىدىن توقۇنۇشلارنى ھەل قىلىشقا يېتەرلىك دەرىجىدە قول يەتكۈزەلمىگەنلىكىمىز ھەققىدە ئېيتىلغان پىكىرلەرگە قوشۇلىمىز".
قازاقىستان ئاخبارات ۋاسىتىلىرى 3-دېكابىر كۈنى ئاق ئوردىدا قازاقىستان رەھبىرى ن.نازاربايېفنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشقان ئاستانا ئۇچرىشىشىنىڭ نەتىجىلىرى بويىچە ھۆكۈمەت مەجلىسى ئۆتكۈزگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان. ئۇ سۆزگە چىقىپ، ئاستانا يىغىنىنىڭ ئۇتۇقلىرىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىگەن، بۇ چارىنى تۈزۈشكە ئىشتىراك قىلغۇچىلارغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرگەن ھەم شۇنداقلا بارلىق قازاقىستانلىقلارنى بۇ ئۇتۇق بىلەن قىزغىن تەبرىكلىگەن.