ئاۋسترالىيىنىڭ ئادېلەيد شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلار 18-ئىيۇل ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن خىتاي ھاكىمىيىتىنى ئەيىبلىدى

ئاۋسترالىيىنىڭ ئادېلەيد شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلار 22-ئىيۇل كەچتە، خوتەن ۋەقەسىدە قۇربان بولغانلارنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا قىلدى ۋە خىتاي ساقچىلىرىنىڭ قىرغىنچىلىقىغا لەنەت ئوقۇدى.

0:00 / 0:00

ئاۋسترالىيىنىڭ ئادېلەيد شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلار 22-ئىيۇل كەچتە شەرقى تۈركىستان ئاۋسترالىيە جەمئىيىتىنىڭ مەركىزىگە يىغىلىپ، خوتەن شەھىرىدە 18-ئىيۇل كۈنى يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقەدە قۇربان بولغانلار ھەققىگە دۇئا قىلىشتى ۋە خىتاي قوراللىق ساقچىلىرىنىڭ ئۆز ھەق-ھوقوقلىرىنى تەلەپ قىلىپ، خىتاي ساقچى ئىدارىسى ئالدىغا توپلانغان بىگۇناھ خەلقنى قىرغىن قىلغان ئەسەبىي قىلمىشىنى بىردەك ئەيىبلىدى.

يىغىلىشتا ئالدى بىلەن شەرقى تۈركىستان جامائەتچىلىكىنى ئاساس قىلغان «ئەل سىدىق» مەسچىتىنىڭ ئىمامى يۈسۈپ ھۈسەيىن قۇربانلار روھىغا ئاتاپ قۇرئان تىلاۋەت قىلدى ۋە ئوقۇغان ئايەتلەرنى چۈشەندۈرۈش بىلەن ۋەتەنداشلىرىغا ئۆزىنىڭ تەشەببۇسلىرىنى ئىپادىلىدى.

يىغىلىشتا جەمئىيەت رەئىسى ئابدۇلغوپۇر مۆمىن ھاجىم 18-ئىيۇل كۈنى خوتەن شەھىرىدە يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقە ھەققىدە يىغىن قاتناشچىلىرىغا مەلومات بەردى ۋە ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشىنىڭ بۇ ۋەقە ھەققىدە بېرىلگەن بارلىق خەۋەر، بايانات ۋە سۆھبەت خاتىرىلىرىنى ئاڭلىتىش ئارقىلىق كۆپچىلىكنىڭ ۋەقەگە بولغان چۈشەنچىسىنى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇردى.