ئاۋسترالىيىنىڭ ئادىلايد شەھىرىدە جۇمھۇرىيەت بايرىمى خاتىرىلەندى
2012.11.14

بۇ پائالىيەتكە شەرقىي تۈركىستانلىقلار ۋە جەنۇبىي ئاۋسترالىيە شتاتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىللىرى ھەمدە قارشى پارتىيە ۋەكىللىرى قاتناشتى.
پائالىيەت ئادىلايدتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئالىمى، ئىمام ئابدۇسالام ئالىم ئەپەندىنىڭ قۇرئان تىلاۋەت قىلىشى بىلەن باشلاندى. بۈگۈنكى بۇ پائالىيەتنىڭ مېھمانلىرى بولغان جەنۇبىي ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىلى، پارلامېنت ئەزالىرىدىن مايكىل ئەتكىنسۇن ئەپەندى، تونى زەپىيا ئەپەندى، ڧرانسىز بەدڧۇرد خانىم، زوۋى بەدىسۇن خانىم قاتارلىقلار، شەرقىي تۈركىستان ئاۋسترالىيە جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئابدۇلغوپۇر مۆمىن ئەپەندى شۇنداقلا پەخرى رەئىس ئەخمەد ئىگەمبەردى ئەپەندىلەر تەكلىپ بىلەن سۆزگە چىقىشتى.
زوۋى بەدىسۇن خانىم ئۆز سۆزىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋسترالىيىدە قىزغىن قارشى ئىلىنىدىغانلىقىنى، دىنىنى ۋە مەدەنى پائالىيەتلىرىنى ئەركىن ھالدا ئىلىپ بارسا بولىدىغانلىقىنى شۇنداقلا جەنۇبىي ئاۋسترالىيە خەلقىگە تونۇشتۇرۇشىنى ئېيتتى.
بۈگۈنكى ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەت ئەھمىيىتى ۋە تەسىرى ھەققىدە تىخىمۇ ئىنىق مەلۇماتلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان ئاۋىستىرالىيە جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئابدۇلغوپۇر مۆمىن ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق.
ئۇيغۇر تىلى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى پائالىيەتكە قاتناشقان تەسىراتلىرىنى سۆزلەپ ئۆتتى.
3 سائەتتىن ئارتۇق داۋاملاشقان بۇ پائالىيەت باشتىن - ئاخىر ئىنتايىن جانلىق، قىزغىن كەيپىياتتا ئىلىپ بېرىلغان بولۇپ، «تەڭرىتاغ ئانىلىرى» گۇرۇپپىسىدىكى خانىملار تەييارلىغان ئوخشىغان ئۇيغۇر تائاملىرى بىلەن پىشۇرۇقلىرى، جەنۇبىي ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر تىلى مەكتىپى ئوقۇغۇچىلىرى تەييارلىغان رەڭدار نومۇرلار ھەم شۇنداقلا بالىلار ئويۇنلىرى پائالىيەت كەيپىياتىنى يەنە بىر پەللە يۇقىرى كۆتۈردى.
پائالىيەت ئاخىردا «تەڭرىتاغ ئانىلىرى گۇرۇپپىسىدىكى ئانىلار تەييارلىغان ساڭزا، ماددىي بۇيۇملاردىن، ئۇيغۇر دوپپىلىرى، ئەتلەس شارپىلار ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش باشقا نەرسىلەر پائالىيەتكە قاتناشقۇچىلارغا كىمئاشتى قىلىپ سېتىلدى. ئىگىلىشىمىزچە، يىغىلغان پۇللار شەرقىي تۈركىستان ئاۋىستىرالىيە جەمئىيىتىنىڭ ئىشلىرىغا ئىشلىتىلىدىكەن.