ئەلنىگار ئىلتەبىر: ئاخباراتنىڭ ئىنسان ھەقلىرى ۋە دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى كۈچى

ئامېرىكا مارىلاند ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئۈچۈن ئوقۇۋاتقان ئەلنىگار ئىلتەبىر خانىم «ئاخباراتنىڭ ئىنسان ھەقلىرى ۋە دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى كۈچى» ماۋزۇلۇق دوكلات بەردى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2011.09.28
elnigar-xanim-doklat-bermekte-305.jpg ئەلنىگار ئىلتەبىر خانىم «ئاخباراتنىڭ ئىنسان ھەقلىرى ۋە دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى كۈچى» ماۋزۇلۇق دوكلات بەردى. 2011-يىلى 26-سېنتەبىر، ئېستونىيە.
RFA/Erkin Tarim

ئېستونىيىنىڭ پايتەختى تاللىن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 4-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق ئۇيغۇر ئاياللىرىنى دېموكراتىيە ۋە ئىنسان ھەقلىرى بويىچە تەربىيىلەش كۇرسىدا مۇتەخەسسىسلەر ئۇيغۇر ئاياللارغا ھەرخىل تېمىلاردا لېكسىيە سۆزلىدى.

uyghur-ayallar-kursi-elnigar-385.jpg
كۇرسقا قاتناشقۇچىلار ئەلنىگار ئىلتەبىر خانىمدىن سوئال سورىماقتا. 2011-يىلى 26-سېنتەبىر، ئېستونىيە.
RFA/Erkin Tarim

بەزى تېمىلار كىشىلەرنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى قوزغىدى. بۇلاردىن بىرى ئامېرىكا مارىلاند ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئۈچۈن ئوقۇۋاتقان ئەلنىگار ئىلتەبىر خانىم بەرگەن «ئاخباراتنىڭ ئىنسان ھەقلىرى ۋە دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى كۈچى» ماۋزۇلۇق دوكلاتتۇر. ئۇ، دوكلاتىدا ئاخبارات ۋاسىتىلىرى دېگەن نېمە؟ ئاخبارات ۋاسىتىسىنىڭ ياخشى ۋە يامان تەرىپى نېمە؟ قانداق قىلغاندا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغىلى بولىدۇ؟ ئۇيغۇرلار ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن قانداق پايدىلىنىشى كېرەك؟ دېگەنگە ئوخشاش سوئاللارغا قارىتا ئۆز كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىز بۈگۈنكى پروگراممىمىزدا ئەلنىگار ئىلتەبىر خانىمنىڭ ئاياللار كۇرسىدا بەرگەن بۇ دوكلاتىنىڭ مەزمۇنلىرىنى تونۇشتۇرىمىز.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.