خەلقئارا ئاخبارات ۋاستىلىرى مۇنازىرە مۇنبىرى يىغىنى باشلاندى

6 ‏ - ئاينىڭ 2 - كۈنى گېرمانىيىنىڭ بون شەھرىدە "خەلقئارا ئاخبارات ۋاستىلىرى مۇنازىرە مۇنبىرى" يىغىنى باشلانغان. بۇ يىغىننى "گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسى" ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، يىغىنغا 90 دۆلەتتىن كەلگەن 800 دىن ئارتۇق ئاخبارات خادىملىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى قاتناشقان.
مۇخبىرىمىز ئەكرەم خەۋىرى
2008.06.03

"گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسى" نىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك بۇ دۇنياۋى يىغىنىدا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ۋە ئاخبارات ئەركىنلىكى مەسىلىسى نۇقتىلىق ھالدا مۇزاكىرە قىلىنغان.

ئاخبارات ۋاستىلىرىنى تېنچلىق ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش

گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسىنىڭ 6 ‏ -  ئاينىڭ 3 ‏ -  كۈنىدىكى " خەلقئارا ئاخبارات ۋاستىلىرى مۇنازىرە مۇنبىرى يىغىنىدا بېيجىڭ ئولىمپىكى مۇنازىرە قىلىندى" ناملىق خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ قېتىمقى يىغىندا يەنە، قانداق قىلغاندا ئاخبارات ۋاستىلىرىنى زوراۋانلىقنى چەكلەپ، تېنچلىق بەرپا قىلىش ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرغىلى بولىدىغانلىقى مۇزاكىرە قىلىنغان ھەمدە خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىكى مەزگىلىدە خىتايدىكى ئاخبارات ئەركىنلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدىغان ‏ -  ئاشۇرالمايدىغانلىقى، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ياخشىلاشقا تۈرتكە بولالايدىغان ‏ -  بولالمايدىغانلىقى مۇھىم تېمىلار قاتارىدا تالاش ‏ -  تارتىش قىلىنغان. ئۈچ كۈن داۋاملىشىدىغان بۇ يىغىنغا گېرمانىيە يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت خادىملىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ مەسئۇللىرىمۇ ئىشتىراك قىلغان.

يىغىندا گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسىنىڭ مۇدىرى بېتمان ئەپەندى سۆز قىلىپ، ئاخبارات ۋاستىلىرى بىلەن ئىجتىمائىي جەمئىيەتنىڭ مۇناسىۋىتى نېمە؟ 8 ‏ -  ئايدا چىقىرىلىدىغان بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئاخبارات ئەركىنلىكى، كىشىلىك ھوقۇق ۋە مۇھىت ساپلىقىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا تۈرتكە بولالامدۇ؟ دېگەن سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ ئۆتكەن. ئۇ سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدىكى يەر تەۋرەش ۋەقەسىنىڭ خەۋىرىنى ئاشكارىلاشتا ئىجابىي قەدەم باسقانلىقىنى، بۇنى خىتاينىڭ ئاخبارات ئەركىنلىكى مەسىلىسىدە ياخشى بىر سىگنالى دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە خىتاينىڭ 2008 ‏ -  يىللىق ئولىمپىك مەزگىلىدە، مۇخبىرلارغا نىسبەتەن كەڭ ئەركىنلىك بېرىشى مۇمكىنلىكىنى قىياس قىلغان.

ئولىمپىك خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ

ئەمما گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسى روك ئەپەندى بولسا، تامامەن ئوخشىمايدىغان كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ سۆزىدە، 2008 ‏ -  يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە دېگەندەك تەسىر كۆرسىتەلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. شۇنداقتىمۇ، ئۆزىنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش تەرەپدارى ئەمەسلىكىنى، 2008 ‏ -  يىللىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ خىتايغا بېرىلگەنلىكىنىڭ ياخشى ئىش بولغانلىقىنى، بۇ سەۋەبلىك دۇنيانىڭ دىققەت ‏ -  ئېتىبارىنىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە يۈكسەك دەرىجىدە مەركەزلەشكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.  ئۇ " ئەگەر ئولىمپىك بولمىغان بولسا، كىشىلەر ئالدىنقى بىر قانچە ئايدىن بۇيان خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق تاجاۋۇزچىلىقىغا بۇ قەدەر كۆڭۈل بۆلمىگەن بولاتتى" دېگەن.

گېرمانىيە مائارىپ - تەنتەربىيە ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى شىمىد ئەپەندى، 2008 ‏ -  يىللىق ئولىمپىكنىڭ دۇنيانىڭ نەزىرىنى خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىگە مەركەزلەشتۈرگەنلىك قارىشىنى قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، ھەر ساھە مۇخبىرلارنىڭ ئولىمپىك مەزگىلىدە يالغۇز تەنتەربىيە ھەرىكىتىگە پىكرىنى مەركەزلەشتۈرۈپلا قالماي، ئىجتىمائىي جەمئىيەتكىمۇ يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈشىنى تەشەببۇس قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ پىكىر ئەركىنلىكى چەكلىمىگە ئۇچرىماسلىقى كېرەك

گېرمانىيىنىڭ بون شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق بۇ يىغىننىڭ 1 ‏ -   كۈنىدە يەنە، تەنتەربىيىچىلەرنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىكى مەزگىلىدە كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى بۇيىچە پىكىر بايان قىلىش مەسىلىسىمۇ مۇزاكىرە قىلىنغان.

گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسى روك ئەپەندى بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: " تەنتەربىيىچىلەردىن كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئۈستىدە پىكىر بايان قىلىشنى تەلەپ قىلماسلىق كېرەك، ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتىنىڭ ۋەكىلى بولۇش مەجبۇرىيىتى يوق. ئەمما تەنتەربىيىچىلەرنىڭ ئۆز ئىدىيىلىرىنى ئىپادىلەش ھوقۇقى كاپالەتكە ئىگە بولۇشى لازىم، بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىدىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ سىياسىي نۇقتىئىنەزىرىنى بايان قىلماقچى بولغان تەنتەربىيىچىلەر چەكلىمىگە ئۇچرىماسلىقى شەرت."

د ئۇ ق ھېلىمۇ ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىش تەرەپدارى

د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ 2008 ‏ -  يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىكىگە بولغان كۆز قارىشى ئىزچىل ھالدا رەت قىلىش مەيدانىدا بولۇپ، ئۇلار ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىپلا قالماي، يەنە بېيجىڭ ئولىمپىكىگە قارشى تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرماقتا. د ئۇ ق نىڭ ئىككى كۈن بۇرۇن ئېلان قىلغان چاقىرىقىغا ئاساسلانغاندا، بۇ ئاينىڭ ئاخىرى ئولىمپىك مەشئىلى ئۇيغۇر ۋەتىنىدىن ئۆتىدىغان كۈنى، چەتئەللەردىكى بارلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارىدىكەن.

د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ پىكرى بۇيىچە ئېيتقاندا، خىتاي يالغۇز تارىختىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا بېرىپ كەلگەن ھەر تۈرلۈك ۋەدىسىدە تۇرمايلا قالماستىن، بۇ قېتىمقى ئولىمپىك مەزگىلىدە دۇنياغا بەرگەن ۋەدىسىدىمۇ تۇرمىغان. بۇنىڭ بىلەن خىتاينىڭ ساختىپەزلىكى ئاشكارىلىنىپلا قالماي، خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتىدىغان بىر ئىدېئولوگىيە ياكى ئىرادىنىڭ ئەسلا مەۋجۇت ئەمەسلىكىمۇ ئاشكارىلانغان.

گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسىنىڭ 6 ‏ -  ئاينىڭ 3 ‏ -  كۈنىدىكى خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، يىغىندا ھەر قايسى ئەللەردىن كەلگەن ۋەكىللەر ئاخبارات ئەركىنلىكى مەۋجۇت بولمىغان دۆلەتتە، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە خاتىمە بەرگىلى بولمايدىغانلىقى توغرىسىدا ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتكەن ۋە 2008  -  يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ خىتاينى ئاخبارات ئەركىنلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا قىستاشنىڭ بىر ياخشى پۇرسىتى ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.