بالا - قازاسىز ھەج ئۈچۈن تەييارلىقلار پۈتتى

ھەج ئىبادىتى مۇسۇلمانلارغا بۇيرۇلغان بەشىنچى چوڭ پەرز بولۇپ، تېنى ساق بولۇپ، ھەج سەپىرىنىڭ چىقىملىرىنى قىلالىغان ئادەم ئۈچۈن ئۆمرى ئىچىدە بىرلا قېتىم ھەج قىلىش پەرزدۇر.

0:00 / 0:00

قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ تەرەققى قىلىشى سايىسىدا، سەئۇدى ئەرەبىستانىغا بېرىپ ھەج پەرزىنى ئادا قىلىدىغان مۇسۇلمانلارنىڭ سانى يىلدىن ‏ - يىلغا ئېشىپ بارماقتا. بۇنىڭغا ئەگىشىپ مەسچىتى ھەرەم ۋە ھەج پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلىدىغان جايلار توختىماستىن كېڭەيتىلىپ كەلمەكتە.

سەئۇدى ئەرەبىستانىدا چىقىدىغان " ئەل رىياد" گېزىتىنىڭ 2008 - يىلى 24 - نويابىر كۈنىدىكى سانىدا:" بالا - قازاسىز ھەج ئۈچۈن تەييارلىق پۈتتى"دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالىدە مۇنداق دەپ يېزىلغان:" ھەج پائالىيىتىنى ئادا قىلىش جەريانىدا ھاجىلار ئۈچۈن ئەڭ قىستىلاڭغۇلۇق بولىدىغان جاي شەيتانغا تاش ئېتىلىدىغان ئورۇنلار بولۇپ، بۇ جايدا قىستاڭچىلىقتىن دائىم دېگۈدەك ئادەم ئۆلۈش ھادىسىلىرى داۋام قىلىپ كەلگەن ئىدى. پەقەت بىر - ئىككى يىل بولدى، ھەج پائالىيىتى جەريانىدا توپلام ئادەم ئۆلۈش ۋەقەسى يۈز بەرمىدى. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئەڭ قىستىلىش پەيدا قىلىدىغان جاي شەيتانغا تاش ئاتىدىغان ئورۇنلار بۇرۇنقى ئىككى قەۋەتتىن تۆت قەۋەتكە چىقىرىلدى. ھاجىلارنىڭ بۇ جايغا كېلىدىغان يولى بىلەن قايتىدىغان يولى ئايرىلدى. شۇنىڭ بىلەن ھەجدە قىستىلىپ ئادەم ئۆلۈشنىڭ ئالدى ئېلىندى."

ئىككى مىليارد دوللار سەرپ قىلىندى

گېزىتتە يەنە، ھاجىلار شەيتانغا تاش ئاتىدىغان جاينىڭ ئۈستىگە سېلىنغان كۆۋرۈك ھەققىدە توختالغان بولۇپ، مۇنداق يېزىلغان:" شەيتانغا تاش ئاتىدىغان جاينىڭ ئۈستىگە سېلىنغان كۆۋرۈك 4 قەۋەتلىك بولۇپ، ئۇزۇنلىقى 950 مېتىر، كەڭلىكى 80 مېتىر كېلىدۇ. 12 جايدىن كىرىش ئېغىزى بولۇپ، يەنە 12 جايدىن ئايرىم قايتىش ئېغىزى بار. 4 قەۋەتلىك كۆۋرۈكنىڭ پۈتۈپ چىقىشى ئۈچۈن 2 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى سەرپ قىلىندى. ئىككى مىليون ھاجى بىرلا ۋاقىتتا بۇ 4 قەۋەت كۆۋرۈكتىن بالا - قازاسىز ئۆتۈپ ھەج پەرزىنى ئادا قىلالايدىغان بولدى."

سەھىيە خىزمەتلىرىمۇ جەڭگىۋارلىقتا

سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ دۆلەت تېلېۋىزورىدا ئېلىپ بېرىلغان بىر سۆھبەتكە قاتناشقان سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ سەھىيە مىنىستىرى دوكتور ئابدۇللا مانى مۇنداق دېدى:" سەئۇدى ئەرەبىستانى ھۆكۈمىتى قۇرۇلغان تارىختىن بىرى، ھاجىلارغا خىزمەت قىلىش بۇ مەملىكەتتىكى كىشىلەر ئۈچۈن شەرەپ ۋە پەخىر بولۇپ كەلدى. چۈنكى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن ھەج پەرزىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن كەلگەن مۇسۇلمانلار ئاللاھنىڭ مېھمانلىرىدۇر. ئۇلارغا خىزمەت قىلىش راستىنلا پەخىرلىنەرلىك ئىش. بىز سەھىيە مىنىستىرلىقى مەنسۇبلىرىغا نىسبەتەن ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈشكە تېگىشلىك ئىش ھاجىلارنىڭ سالامەتلىكى ۋە ئامانلىقىدۇر. بىز شۇنىڭ ئۈچۈن ئىشلەيمىز. بۇ يىلقى ھەجنى بالا - قازاسىز ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن پۈتۈن تەييارلىقلار ھازىر بولماقتا. ھەج پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلىدىغان ئورۇنلاردا 24 دوختۇرخانا ۋە 124 تىز قۇتقۇزۇش مەركىزى خىزمەتكە ھازىر تۇرماقتا. مۇندىن باشقا ئون مىڭدىن كۆپرەك تىببىي خادىم ھاجىلارنىڭ خىزمىتىگە تەييار بولماقتا."

بۇ خىزمەتلەردىن يەنىلا ئۇيغۇرلار مەھرۇم بولماقتا

مەككىدە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇرلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇر ھاجىلارنىڭ ئەركىن ھەج قىلىش يولى تاقالغان. تۈركىيىدىن يۈز مىڭدىن كۆپرەك ھاجى كەلگەن يەردە، ئۇيغۇر ئېلىدىن بۇ يىل ھەج ئۆمىكى بىلەن كەلگەن پۈتۈن ئۇيغۇر سانى ئۈچ مىڭغا يەتمەيدىكەن.

كەلگەنلەرمۇ بۇ جايغا كېلىشتىن بۇرۇن كۈنلەرچە داۋام قىلغان ئۆگىنىش كۇرسلىرىدا ئالغان تەلىماتلار بۇيىچە باشقىلار بىلەن كۆرۈشۈشتىنمۇ قورقۇدىكەن، بۇ جايدىمۇ ئايىغى ئۈزۈلمىگەن ئۆگىنىش كۇرسلىرى سەۋەبلىك مەككە ۋە مەدىنىدىكى مۇقەددەس جايلارنى ئازادە زىيارەت قىلىش ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم ئىكەن.