بالىلار ! بايراملىق سوغىمىزغا قۇلاق سېلىڭلار!

ئەسسالام بالىلار، بۈگۈن سىلەرنىڭ بايرىمىڭلار، خەلقئارا بالىلار بايرىمىڭلار خوشاللىققا، تاتلىق كۈلكىلىرىڭلارغا تولسۇن! بۈگۈن ئەركىن ئاسىيا رادىئو ئىستانسسىدىكى مۇخبىر تاغا، ئاچىلىرىڭلارمۇ سىلەرنى ئۇنتۇپ قالغىنى يوق. ئاڭلىتىش ۋاقتىمىزنىڭ ئەمدىكى مىنۇتلىرىنى سىلەرگە ئاتىدۇق، قېنى گۈلچېھرە ھەدەڭلار بۈگۈنكى بايرىمىڭلارغا ئاتاپ نېمە سوغا تەييارلىدىكىن ئاڭلاپ باقامسىلەر؟
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ
2009.05.29

سالام بالىلار، بۈگۈن خۇددى گۈلدەك چىرايلىق بولۇپ كەتتىڭلار ھەقاچان، ئۆيدە، باغچىدا، مەكتەپتە، يوللاردا ھەممىلا يەردە سىلەرنىڭ بايرىمىڭلار تەبرىكلىنىۋاتامدۇ؟ "مەنمۇ بالا بولۇپ قالسامچۇ ؟ ... " دەپ سىلەرگە بەكمۇ مەسلىكىم كېلىۋاتىدۇ كىچىك دوستلار، بۈگۈن قۇياشمۇ سىلەرگە باشقىچە كۈلۈپ باققاندەك، ئىشچان ئاناڭلار پىشۇرغان چىرايلىق قىزىرىپ پىشقان توقاچتىنمۇ قىزىل كۈرۈنىۋاتامدۇ ؟

چۈنكى قوياشمۇ، يەرمۇ، ئاسمانمۇ، ھەتتا يۇلتۇزلارمۇ، گۈل - گىياھ، قۇشلارمۇ بايرىمىڭلارنى تەبرىكلەپ خوشاللىققا چۈمۈپتۇ ئەمەسمۇ ؟ ئەي دۇنيادا ھەممىدىن سۆيۈملۈك ئۇيغۇر بالىلىرى پۈتۈن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر دوستلىرىڭلارنىڭ ھەممىسىنىڭ سالىمىنى رادىئو دولقۇنلىرىمىز بىلەن سىلەرنىڭ قۇچىقىڭلارغا تاشلىدۇق، چاققان تۇتۇپ ئېلىڭلار!

سىلەرنىڭ بايرىمىڭلارغا قانداق سوغا تەييارلاش ھەققىدە مۇخبىر تاغا، ئاچىلىرىڭلار تولىمۇ كۆپ ئويلاشتى. ئويلاپ ‏- ئويلاپ ئاخىرى چۆچەك ئاڭلاشقا ئامراق ئەمەس بىرمۇ بالا بولمىسا كېرەك دېگەن خىيال بىلەن، سىلەرگە چۆچەك ئېيتىپ بېرىشنى لايىق كۆردۇق، قېنى ئەمىسە قۇلىقىڭلار بىزدە بولسۇن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ بالىلار پروگراممىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.