بالىلار ئەيدىز كېسىلىنىڭ تەھدىتىگە دۇچ كەلمەكتە

دۇنيا مىقياسىدا كېڭىيىپ، يىلدىن يىلغا تېخىمۇ كۆپ جانلارغا زامىن بولۇۋاتقان ئەيدىز كېسىلى بالىلارنى ۋە ئۇلارنىڭ كېلەچىكىنىمۇ تەھدىت ئاستىغا ئالماقتا. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلار فوندى 'ئۇنىسەف' دۇنيادا ھازىر 15 ياشنىڭ تۆۋىنىدىكى 2 مىليون ئۆسمۈر بالىنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2009.04.21
Burino-France-aids-afrika-305 2009 - ﻳﯩﻠﻰ 11 - ﻓﯧﯟﺭﺍﻝ، ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﻪ ﭘﺮﯦﺰﯨﺪﯦﻨﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ ﻛﺎﺭﻻ ﺑﺮﯗﻧﯧﻲ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺋﺎﻓﺮﯨﻘﯩﻨﯩﯔ ﺑﯘﺭﻛﯩﻨﺎﻓﺎﺳﻮ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﯞﻩ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﻛﯧﺴﻪﻟﮕﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﻤﺎﺭﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ.
AFP Photo

دوكلاتتا دېيىلىشىچە، بۇ بالىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئافرىقا دۆلەتلىرىدە بولۇش بىلەن بىرلىكتە ھەرقايسى دۆلەتلەرگىمۇ تارقالغان بولۇپ، ئۇلار ئەيدىزگە قارشى ھېچقانداق داۋالاشقا ئېرىشەلمەيۋاتقان ئىكەن. ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغان 2 مىليون بالىدىن 90% ئى بۇ ۋىرۇسنى ئانىسى ئارقىلىق يۇقتۇرۇۋالغان بولۇپ، گەرچە ھازىر تىبابەتتە ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغان ھامىلدارنىڭ كېسىلىنىڭ بالىسىغا ئۆتۈشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان دورىلار بارلىققا كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئانىلارنىڭ ئاران 10% ئىلا بۇ خىل دورىلارنى ئىشلىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە ئىكەن.

ھازىر دۇنيادا ھەر بىر مىنۇتتا بىر بالا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك كېسەللىكلەر بىلەن ئۆلۈۋاتقان بولۇپ، تۈنۈگۈن مەركىزى نىيوركتىكى ئاسىيا تەرەققىيات جەمئىيىتىمۇ بۇ ھەقتە دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتايدا بالا ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ داۋالىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمەيۋاتقانلىقى، داۋالىنىۋاتقانلىرىنىڭمۇ خاتا ئۇسۇللار بىلەن داۋالىنىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئەمما دوكلاتتا خىتايدا زادى قانچىلىك بالا ئەيدىز بىمارىنىڭ بارلىقى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بېرىلمىگەن.

خەۋەرلەردىن قارىغاندا يەنە، خىتايدىكى تېنچ ئوكيان ئۆمۈرلۈك سۇغۇرتا شىركىتى بېيجىڭ تارماق شىركىتى يېقىندا "قۇياش نۇرى بالىلار ئېغىر كېسەللىكلىرى سۇغۇرتىسى" نى يولغا قويغان بولۇپ، بۇ سۇغۇرتا 60 كۈندىن تارتىپ 17 ياشقىچە بولغان قورامىغا يەتمىگەن بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، ئەمما ئۇلارنىڭ ھاياتى ئەيدىز كېسىلى سەۋەبلىك جىددىي خەۋپكە ئۇچرىغاندىلا ئاندىن سۇغۇرتا ياردەم پۇلىغا ئېرىشەلەيدىكەن.

ئەيدىزنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىدىن ھازىرغىچە تەخمىنەن 14 مىليون كىشى بۇ كېسەللىك سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغان بولسا، بۇنىڭ ئىچىدە 3 - 4 مىليونىنىڭ 15 ياشنىڭ ئاستىدىكى بالىلاردىن تەركىپ تاپقانلىقى كىشىنى ھەقىقەتەنمۇ چۆچۈتىدۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلار فوندى "ئۇنىكەف" ئورگىنىنىڭ بايان قىلىشىچە بالىلاردىكى ئەيدىز كېسىلىنىڭ كىشىنى چۆچۈتىدىغان دەرىجىدە كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ سەۋەبى ئەيدىز بىلەن مۇجادىلە خىزمەتلىرىنىڭ ئاساسەن چوڭلارغىلا مەركەزلىشىپ قالغانلىقى، بالىلارغا يېتەرلىك ئەھمىيەت بېرىلمەيۋاتقانلىقىدىن كېلىپ چىققان ئىكەن.

بالىلاردا كۆرۈلىدىغان ئەيدىز كېسىلى دۇنيادا تۇنجى ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغان كىشى بايقالغاندىن بىر يىل كېيىن يەنى 1982 - يىلى بايقالغان بولۇپ، بۇ ۋىرۇس دەسلەپتە نۇرغۇن بالىلارغا قان ئارقىلىق يۇققان ئىكەن. ئەمما 1985 - يىلىدىن كېيىن قان بەرگۈچىلەرنىڭ تەكشۈرۈلۈشى ۋە قېنى ئۆلچەمگە توشمىغانلارنىڭ قېنىنىڭ باشقىلارغا بېرىلمەسلىك قانۇنىنىڭ قوبۇل قىلىنىشى بىلەن ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن بالىلارغا قان ئارقىلىق يۇقۇشى ئاساسەن يوقىتىلغان.

ھازىر بالىلارنىڭ ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىشىنىڭ 90% ئى ئاساسەن ئانىدىن بالىغا ھامىلدارلىق، تۇغۇت ۋە ئېمىتىش جەريانىدا يۇقۇشتىن كېلىپ چىققان ئىكەن. بۇ خىل بالىلاردا دەسلەپتە سالامەتلىك جەھەتتە ھېچقانداق پەرق كۆرۈلمەيدىكەن. ئەمما 3 ئايدىن 24 ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا كېسەللىك ئالامەتلىرى ئۆزىنى كۆرسىتىشكە باشلايدىغان بولۇپ، بۇلارنىڭ كۆپ ئۇچرايدىغانلىرى ئوخشاش ياشلىقلىرىغا نىسبەتەن ئېغىرلىق ۋە بويىنىڭ كىچىك بولۇشى، لېنفا بەزلىرى چوڭىيىش، يۇقۇملىنىش، جىگەر ۋە ئۆت يوغىناپ كېتىش ۋە تەرەققى قىلالماسلىق قاتارلىق ئالامەتلەردىن ئىبارەت ئىكەن.

ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، ئانىدىن ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بالىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى 10 - 7 ياش ئەتراپىدا بولۇپ، بۇ بالىلار تېخى بىر ياش ۋاقتىدىلا ھەرخىل مىكروپلۇق كېسەللىكلەر بىلەن يۇقۇملىنىشقا باشلايدىكەن.

ئامېرىكا كولومبىيە ئۇنۋېرسىتىتى مېدىتسنا پەنلىرى دوكتورى مەمتىمىن ئەپەندى بالىلارنىڭ ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا مۇھىم بولغان ئامىللار ئۈستىدە توختۇلۇپ ئۆتتى.
   
بالىلار كەلگۈسىنىڭ ئىگىلىرى، بۇ دۇنيا بالىلار بىلەن گۈزەل، بالىلارنىڭ تىنچلىق ۋە سالامەتلىك ئىچىدە ياشىشى ئۈچۈن ئەيدىز بىلەن قەتئىي يوسۇندا كۈرەش ئېلىپ بېرىلىشى كېرەكلىكى تەكىتلەنمەكتە، بالىلارنىڭ ھەق - ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن بىر قىسىم قانۇن - تەرتىپلەر يولغا قويۇلۇپ، جەمئىيەت بۇ ھەقتە ياخشى ساۋاتلاندۇرۇلغاندا ئەيدىزنىڭ بالىلارنىڭ جېنىغا زامىن بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن .

ماتېرىياللاردىن مەلۇم بولۇشىچە ھامىلدارلىق ۋە تۇغۇت جەريانىدا ئەيدىزنىڭ ئانىدىن بالىغا ئۆتۈشى تامامەن قارشى تۇرغىلى بولىدىغان بولۇپ، بۇ ھەقتە ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى ئاياللار تولۇق ساۋاتقا ئىگە قىلىنىش بىلەن بىرلىكتە جەمئىيەتمۇ ئۇلارغا ياردەم قولىنى سۇنۇشى كېرەك ئىكەن.
 
ئاسىيا تەرەققىيات جەمئىيىتىنىڭ دوكلاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدا 2008 - يىلىنىڭ ئالدىنقى 9 ئېيىدىلا 7000 كىشى ئەيدىز كېسىلى سەۋەبلىك ھاياتىدىن ئايرىلغان. ئۇيغۇر رايونىدا بولسا 2008 - يىلى 3 - ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا ئەيدىز بىمارىنىڭ سانى 25615 دەپ ئېلان قىلىنغان.

بىراق، ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغان ئۇيغۇر بالىلارنىڭ سانىنىڭ زادى قانچىلىكلىكى ھەققىدە ھازىرغىچە ھېچقانداق سانلىق مەلۇمات يوق بولۇپ، بۇ بالىلارنىڭ تەقدىرىنىڭ نېمە بولۇۋاتقانلىقىمۇ قاراڭغۇ بولۇپ تۇرماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.