تۈركىيىنىڭ سابىق باش مىنىستىرى نەجمەتتىن ئەرباقان ۋاپات بولدى

تۈركىيىنىڭ سابىق باش مىنىستىرى، سائادەت پارتىيىسىنىڭ رەئىسى پروفېسسور دوكتور نەجمەتتىن ئەرباقان 2-ئاينىڭ 27-كۈنى 85 يېشىدا ۋاپات بولدى.

0:00 / 0:00

1926-يىلى 10-ئاينىڭ 29-كۈنى تۈركىيىنىڭ سىنوپ ۋىلايىتىدە دۇنياغا كەلگەن نەجمەتتىن ئەرباقان 1948-يىلى ئىستانبۇل تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن گېرمانىيىدە ماگىستىر ۋە دوكتورلۇق ئۇنۋانلىرى ئۈچۈن ئوقۇغان ھەمدە 29 يېشىدا پروفېسسورلۇق ئۇنۋانى ئالغان.

نەجمەتتىن ئەرباقان 1970-يىلى مىللىي سالامەت پارتىيىسىنى قۇرغان ۋە كۆپ قېتىم پارلامېنت ئەزاسى ھەم مىنىستىر بولغان. 1996-يىلىدىن 1997-يىلىغىچە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن.

nejmettin-erbakan-385.jpg
مەرھۇم نەجمەتتىن ئەرباقان ئەپەندى ۋە شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرى. (RFA/Erkin Tarim)

مەرھۇم نەجمەتتىن ئەرباقان ھايات ۋاقتىدا كۆپ قېتىم مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋە تۈركىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدىكى تەكلىپ ۋە پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ، 1990-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى تۈركىيە پارلامېنتىدا سۆزلىگەن نۇتقىدا، «خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ئەقىلگە سىغمايدىغان زۇلۇملارنى قىلماقتا، خىتاي ھازىر شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ پۈتۈن ھەق -ھوقۇقلىرى تارتىۋالدى» دېگەن.

ئۇنداقتا پروف. در. نەجمەتتىن ئەرباقاننىڭ تۈركىيە تارىخىدا تۇتقان ئورنى قانداق؟ ئۇ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلغان؟ دېگەن مەسىلىلەر بويىچە تۈركىيىدىكى ئۇيغۇر ئەربابلىرىدىن ھامۇتخان كۆكتۈرك، در. ئەركىن ئەكرەم ۋە سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندىلەر ئۆز كۆز قاراشلىرى ئوتتۇرىغا قويدى.