1961 ‏- يىلى بايدىكى زور كۆلەملىك ئاچارچىلىق ۋەقەسى

1961 ‏- يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ باي ناھىيىسىدە زور كۆلەملىك ئاچارچىلىق ۋەقەسى يۈز بېرىپ، مىڭلىغان ئۇيغۇرلار ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى. غەيرى ھۆكۈمەت مەنبەئەلىرىدە 20 مىڭ ئەتراپىدا ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

0:00 / 0:00

لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەقەدە زادى قانچىلىك ئۇيغۇرنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ھازىرغا قەدەر ئېلان قىلىپ باققان ئەمەس.

ھازىر قىرغىزىستاننىڭ بېشكەك شەھىرىدىكى بىر ئۇيغۇر مەھەللىسىدە يىگىت بېشىلىق قىلىدىغان جامائەت ئەربابلىرىدىن بارات ھاجى ئىسلامى بايدىكى ئاچارچىلىقنىڭ تىرىك شاھىدلىرىنىڭ بىرىدۇر.

بارات ھاجى ئىسلامى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بايدىكى ۋەقە ھەققىدە توختالدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.