بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر ئەرزدارلار مۇقىمسىزلىق ئامىلى دەپ قارىلىپ زەربىگە ئۇچرىماقتا

بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر ئەرزدارلارنىڭ توپلىشىپ ياشىشى ۋە بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشى خىتاينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتقان.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2011.03.31
Uyghur-erzdar-Tursun-Ghopur-Beijing-kowruk-astida-305 ﺳﯜﺭﻩﺕ، 2010 - ﻳﯩﻠﻰ 18 - ﺋﺎﯞﻏﯘﺳﺖ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﺭﺯﺩﺍﺭ ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ ﻏﻮﭘﯘﺭ ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﻛﯚﯞﺭﯛﻙ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﺑﻮﺷﯜﻥ ﺗﻮﺭﻯ ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺯﯨﻴﺎﺭﯨﺘﯩﻨﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ.
www.peacehall.com ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

بۇ سەۋەبتىن خىتاي ساقچىلىرى بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر ئەرزدارلارنى مۇقىمسىزلىق ئامىلى دەپ قاراپ، ئۇلارغا نۇقتىلىق زەربە بېرىشكە باشلىغان. ئۆتكەن ھەپتە ئاخىرى ئۇيغۇر ئەرزدارلار تۇرۇۋاتقان چېدىر ئىككىنچى قېتىم بۇزۇۋېتىلگەن، ئەرزدار ئۆمەرجان ئابلا، ئەرزدارلارنىڭ كاتتىۋېشى دەپ قارىلىپ تۇتۇپ كېتىلگەن.

ئوتتۇرا شەرقتە ئىسيان كۆتۈرۈلگەن ۋە خىتايدا ياسىمەن نامايىشى باش كۆتۈرگەندىن كېيىن، خىتاي بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر ئەرزدارلارغا قارىتا نازارەتنى كۈچەيتكەن ئىدى. مەلۇم بولۇشىچە،خىتاي ساقچىلىرى بىرقانچە ھەپتىدىن بېرى بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر ئەرزدارلارغا قارىتا مەخسۇس زەربە بېرىش ھەرىكىتى باشلىغان.

ئۈچ ھەپتىنىڭ ئالدىدا تۇتۇپ كېتىلگەن ۋە ئارقىدىن قويۇۋېتىلگەن ئۇيغۇر ئەرزدارلاردىن بىرى تۇرسۇنجان غوپۇردۇر. ئۇ ئۇيغۇر ئەرزدارلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر ئەرزدارلار ئۆز مىللىي ئەنئەنىلىرى بويىچە ئۆز ‏-ئارا ھەمكارلىشىش ۋە يول كۆرسىتىش ئارقىلىق ئۆز ئەرزلىرىنى داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان. ئىگىلىشىمىزچە، ئۇيغۇر ئەرزدارلارنىڭ ئۆز-ئارا ئىناقلىقى ۋە ئىنتىزامچانلىقى خىتاي ساقچى ئورگانلىرىنىڭ خېلى بۇرۇنلا دىققىتىنى تارتقان. ئۇلارنىڭ بىرلىكتە ياشىشى تەشكىلاتقا ئۇيۇشۇش دەپ قارالغان. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى تەجرىبىلىك ۋە ئاكتىپراقلىرى تەشكىلاتنىڭ كاتتىۋېشى دەپ تونۇلغان. بۇ ئەھۋال بىرقانچە ئاينىڭ ئالدىدا قەشقەردىكى بىر ساقچى خادىمىنى زىيارەت قىلغان چېغىمىزدا ئاشكارىلانغان.

يۇقىرىدا بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر ئەرزدارلارغا مۇقىمسىزلىق ئامىلى دەپ قارىلىپ زەربە بېرىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە خەۋەر ئاڭلاتتۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.