گېرمانىيىدە يەنە بىر ئۇيغۇر جاسۇس سوتلاندى

گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىغا سېلىنغان جاسۇسلاردىن شۆھرەت ئىسىملىك بىرى 11-سېنتەبىر كۈنى ميۇنخېندا سوتقا تارتىلغان ئىدى. 6-ئۆكتەبىر كۈنى رېشات ئىسىملىك يەنە بىر جاسۇس سوتقا تارتىلدى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2011.10.10
rishat-jasus-305.jpg مەزكۇر گېزىتتە جاسۇس رېشات ھەققىدە ئېلان قىلىنغان خەۋەر
RFA/Ekrem

گېرمانىيىدە نەشردىن چىقىدىغان «سۈرەتلەر» ناملىق گېزىتنىڭ 7-ئۆكتەبىردىكى سانىدا ئۇيغۇرلار ئارىسىغا سوقۇندۇرۇلغان رېشات ئىسىملىك خىتاي جاسۇسىنىڭ 6-ئۆكتەبىر كۈنى سوتقا تارتىلغانلىق خەۋىرى ئېلان قىلىندى. خەۋەرگە 45 ياشلىق ئۇيغۇر جاسۇس رىشاتنىڭ سۈرىتى قوشۇپ بېرىلگەن بولۇپ، سۈرەتتە ئۇنىڭ كۆز قىسمى توسۇپ قويۇلغان بولسىمۇ، چىرايىنى پەرق ئەتكىلى بولاتتى. سۈرەتنىڭ ئاستىغا «ئىشپىيونلۇق بىلەن شۇغۇللانغان جاۋابكار رىشات» دەپ يېزىلغان ئىدى.

«خىتاي ئۇيغۇرلارنى ميۇنخېندا جاسۇسلۇققا سالماقتا» ناملىق بۇ خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، خىتايغا سېتىلغان ئۇيغۇر جاسۇس رېشات سوراق جەريانىدا ئۆزىنىڭ ئېغىر بېسىم ئاستىدا قالغانلىقىنى ئېيتقان. ئۆزىنىڭ جاسۇسلۇق ئىشلىرىدا رەھبەرلىك قىلغۇچى جيەنجۈن ئىسىملىك خىتاي جاسۇسىغا 2005-يىلىدىن 2009-يىلىغىچە ميۇنخېندىكى ئۇيغۇرلار توغرۇلۇق مەلۇمات يەتكۈزۈپ تۇرغان. خىتايغا قىلغان بۇ جاسۇسلۇق خىزمەتلىرىنىڭ ھەققى ئۈچۈن 1130 ياۋرو پۇل ئالغان. خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، 12-ئۆكتەبىر كۈنى ئۇنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىلىدىكەن.

مەلۇم بولغىنىدەك، 11-سېنتەبىر كۈنى ئۆزىنى «شۆھرەت» دەپ ئاتىۋالغان، ئەسلى ئىسمى لەنسىڭ بولغان بىر شېۋە ئۈستىدىن ميۇنخېندا سوت ئېچىلغان ئىدى. لەنسىڭ ئىسىملىك ئۇيغۇرچىنى ياخشى بىلىدىغان بۇ خىتاي جاسۇسىمۇ ميۇنخېندىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىغا كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ۋەزىپىسىمۇ ئۇيغۇر جاسۇسى رىشاتنىڭ ۋەزىپىسىگە ئوخشاپ كەتكەن. يەنى بۇ جاسۇسلارنىڭ ھەر ئىككىسىلا ميۇنخېندىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر جامائىتىگە مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلارنى خىتايغا يەتكۈزگەن. ئىچكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، لەنسىڭ ئىسىملىك بۇ خىتاي جاسۇسى ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىلىپ بولغان.

گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي تەرەپتىن ميۇنخېندىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىغا كىرگۈزۈلگەن تۆت نەپەر خىتاي جاسۇسىنى تۇتقانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر ئىلگىرى ئېلان قىلىنغان ئىدى. بۇ ۋەقە بۈگۈڭە قەدەر پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى تارتىپ كەلمەكتە. بۇ تۆت جاسۇسنىڭ بىرى، ئۆزىنى «شۆھرەت» ئاتىۋالغان لەنسىڭ ئىسىملىك شېۋە بولۇپ چىقتى. ئىككىنچىسى، 6-ئۆكتەبىر كۈنى سوتقا تارتىلغان رېشات بولۇپ چىقتى. ئۇنداقتا قالغان ئىككى جاسۇس كىم؟ لەنسىڭ ئۈستىدىن قانداق ھۆكۈم چىقىرىلدى؟ قالغان جاسۇسلار ئۈستىدىن يەنە قانداق ھۆكۈم چىقىرىلىشى مۇمكىن؟ بۇ توغرۇلۇق ميۇنخېندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى تۇرسۇن ئەپەندى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەت خاتىرىسىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.