خىتاي، دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئالماقتا

خىتاي دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە، مۇراسىمنى ساق - سالامەت ئۆتكۈزۈۋېلىش ئۈچۈن بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتمەكتە. بېيجىڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەت دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئالغان بولۇپ، بېيجىڭ دائىرىلىرى ھازىر بېيجىڭنىڭ ئۆزىگىلا 6000 دىن ئارتۇق ساقچى ئورۇنلاشتۇرۇش بىلەن بىرلىكتە يەنە 800 مىڭ ئەتراپىدا كىشىنى بايرام كۈنلىرىدە كوچىلاردا بىخەتەرلىك قوغداشقا ئورۇنلاشتۇرغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯩﻬﺮﯨﺒﺎﻥ
2009.09.29
Beyjing-kochisida-puqralarni-axturush-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، 27 - ﺳﯧﻨﺘﻪﺑﯩﺮ، ﺑﯧﻴﺠﯩﯔ ﻛﻮﭼﯩﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﭘﯘﻗﺮﺍﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺳﻮﻣﻜﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﺧﺘﯘﺭﯗﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
AFP Photo

خىتاينىڭ شىنخۇئا ئاگېنتلىقى 28 - سېنتەبىر كۈنى، بېيجىڭ شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدىكى قاتناش بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ئېلان قىلدى. 26 ماددىدىن تەركىپ تاپقان بۇ ئۇقتۇرۇشتا، 9 - ئاينىڭ 28 - كۈنى كېچە سائەت 22 دىن 1 - ئۆكتەبىر كۈنى كېچىلىك بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش يىغىنى ئاخىرلاشقىچە، تىيانەنمېن مەيدانى، گۇگوڭ خان سارىيى، جەنۇبىي چاڭئەن يولى، خەلق مەدەنىيەت سارىيى، جۇڭشەن باغچىسى قاتارلىق تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدىغان جايلارغا يىغىنغا قاتنىشىش ئىجازەتنامىسى ئالغان كىشىلەر ھەم ماشىنىلاردىن باشقا ھەرقانداق ئادەم ۋە ماشىنىلارنىڭ كىرىشى چەكلەنگەن. 1 - ئۆكتەبىر كۈنىدىكى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئاياقلاشقاندىن كېيىن تاكى 8 - ئۆكتەبىر كۈنىگىچە گۇگوڭ خان سارىيى ساياھەتچىلەرگە ئېچىلمايدىغان بولۇپ، بۇ رايونغىمۇ ئىجازەتنامىسى بار كىشىلەر ۋە ماشىنىلارلا كىرەلەيدىكەن.

29 - سېنتەبىردىن 1 - ئۆكتەبىرگىچە جۇڭشەن باغچىسى، خەلق مەدەنىيەت سارىيى، ماۋزېدۇڭ خاتىرە سارىيى، دۆلەتلىك مۇزېيخانا، قاتارلىقلار ساياھەتچىلەرگە ئېچىلمايدىكەن، تىيەنەنمېن مەيدانى ئەتراپىدىكى بارلىق سودا سارايلىرىدا سودا توختايدىكەن. تەبرىكلەش پائالىيىتى مەزگىلىدە، ھەرقانداق يۈك ماشىنىسىنىڭ بېيجىڭ شەھىرىگە كىرىشى چەكلىنىدىكەن،بېيجىڭ شەھىرىدە قاتنايدىغان كوچا ئاپتوبۇسلىرىنىڭمۇ تەبرىكلەش پائالىيىتى بولىدىغان رايونلاردا قاتنىشى چەكلىنىدىكەن،1 - ئۆكتەبىر كۈنى يىغىن ئاخىرلاشقۇچە بولغان ئارىلىقتا يەر ئاستى پويىز يولىنىڭ 1 - لىنىيىسىدە قاتناش توختايدىكەن، 2 -، 5 - 10 - قاتناش لىنىيىلىرى يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىدىكەن، پەقەتلا 4 - لىنىيىلا يېڭىدىن بەلگىلىگەن يۆنىلىش بويىچە ماڭىدىكەن.

شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرىدە يەنە: "دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە، بىر مىليون 400 مىڭ كىشىدىن تەركىپ تاپقان "پۇقرالار ئامانلىق ساقلاش ئەترىتى"نىڭ ساقچىلارغا ماسلىشىپ، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ئامانلىقىنى قوغدايدىغانلىقىنى، 15 - سېنتەبىر كۈنى كېچە سائەت 0 دىن 8 - ئۆكتەبىر كۈنى سائەت 0 گىچە بولغان ئارىلىقتا، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ھۆكۈمەت مەمۇرى ئىدارىلىرى جايلاشقان رايونىدا، ھەر قانداق ھالەتتىكى ئۇچۇش مەشغۇلاتلىرى چەكلىنىدىغانلىقى، پۇقرالارنىڭ خەت توشۇغۇچى كەپتەرلىرى ھەم لەگلەك ئۇچۇرۇشىغا يول قويۇلمايدىغانلىقى، ھەر خىل ئۇچار جىسىملار مودېللىرى ساتىدىغان دۇكانلارنىڭمۇ ئۇچۇش چەكلەنگەن مەزگىلدە، ئۇچار جىسىملار مودېللىرى سېتىۋالغۇچىلارنىڭ كىملىكىنى تىزىملاپ ئۇلارنىڭ ئىسىملىكىنى جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىلىرىگە يوللاپ بېرىشى كېرەكلىكى، بۇ مەزگىلدە ئۆتكۈزۈلگەن توي مۇراسىمى ۋە ھەر خىل تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىدە ھاۋاغا شار قويۇپ بېرىشنىڭ چەكلىنىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خىتاي دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتكەن بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ دۆلەت بايرىمىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش باھانىسى بىلەن،بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى كۈچەيتىلگەن. ئەركىن ئاسىيا رادىئو ئىستانسىسىنىڭ ئۇيغۇر بۆلۈمىمىزگە رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىزدىن كەلگەن ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىنغان بولۇپ، ئۈرۈمچىگە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جەنۇبىي ھەم شىمالىدىن كېلىدىغان يولۇچىلار ئاپتوبۇسلىرىنىڭ بايرام مەزگىلىدە ئۈرۈمچىگە كىرگۈزۈلمەيدىغانلىقى ئۇقتۇرۇش قىلىنغان. ئۇيغۇرلار مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان رايونلارغا، كېچىلىرى قوراللىق ساقچىلار كۆپەيتىلگەن.

خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتكەنلىكى ھەققىدە چەتئەل ئاگېنتلىقلىرىدىمۇ خەۋەرلەر بېرىلىۋاتقان بولۇپ، ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بېيجىڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەت دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە 22 - سېنتەبىردىن 8 - سېنتەبىرگىچە بولغان ئارىلىقتا ئەرزدارلارنىڭ بېيجىڭ شەھىرىگە كىرىشىنى چەكلىگەن، بوشۈن تور بېتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا 22 - سېنتەبىر كۈنى كېچىدىن باشلاپ، بېيجىڭ شەھىرىدىكى بارلىق ئەرزدارلار بىر كېچىدىلا ئۈن - تۈنسىز غايىپ بولغان، بېيجىڭ شەھەر ئاھالىسى مۇخبىرغا ئۇلارنىڭ ماجىئالۇ تۈرمىسى، ياكى مۇساپىرلار مەركىزىگە ئېلىپ كېتىلگەن ئىكەن. ئەرزدارلار ئىلگىرى تۇرغان جايلار تازىلىنىپ بۇ جايدا كىشىنى شۈركەندۈرگىدەك جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈرمەكتە ئىكەن.

خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ غەربىي شەھەر رايونىغا، ئېنىقلىق دەرىجىسى 1080 پ دەرىجىلىك تىل كامېرا ئورنىتىلغان بولۇپ، 360 گرادۇس پىرقىراپ سۈرەتكە ئالىدىغان بۇ سىنئالغۇ ئاپاراتىدا بىرلا ۋاقىتتا 2 مىليون پارچە سۈرەت تارتقىلى بولىدىكەن، بۇ ئاپپارات بېيجىڭ پۇقرالىرى تەرىپىدىن "ساقچىلارنىڭ مىڭ كۆزى" دەپ ئاتالغان. فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى، خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدىكى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ھەققىدە توختىلىپ، نۆۋەتتە بېيجىڭ شەھەر ۋەزىيىتى كىشىگە "ئاسماندا تور يەردە قاپقان" بولۇشتەك ۋەزىيەتنى ئەسلىتىدۇ دېدى. خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە، بېيجىڭ ئايرودرومىمۇ دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدىكى 11 ماددىلىق چەكلەش تەدبىرى ئالغان بولۇپ، 1 - ئۆكتەبىر ئەتىگەن 9:30 دىن كېچە سائەت 12:30 غىچە بولغان ئارىلىقتا بېيجىڭ پايتەخت ئايرودرومى، نەنۋەن ئايرودرومى قاتارلىقلار تاقىلىدىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى 1 - ئۆكتەبىر كۈنى تۈرلۈك تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈپ، قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىپ بېرىۋاتقان مەزگىلدە، چەتئەللەردىكى دېموكراتىك تەشكىلاتلار خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ 60 يىللىق ھۆكۈمرانلىقى ھەققىدە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى ئۆتكۈزۈش، نامايىش قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىشنى پىلانلىغان.

چەتئەللەردىكى خىتاي دېموكراتچىلىرى ئۆتكەن ھەپتىنىڭ شەنبە كۈنى خوڭكوڭدا "خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ 60 يىلى" ناملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈپ خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ بىر پارتىيىلىك ھاكىم مۇتلەقلىق تۈزۈمىنى، خىتايدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى تەنقىدلىدى ھەم 1 - ئۆكتەبىر كۈنى خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 1 - ئۆكتەبىر كۈنىنى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن "ماتەم كۈنى" دەپ ئېلان قىلىپ، بۇ كۈنى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ھەرقانداق تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى ھەم توي - تۆكۈنلەرنىڭ بولمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇش بىلەن بىللە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىشلىرىنى ئۇيۇشتۇرماقتا.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.