بىليارت چولپىنى ئەكبەرجان بىلەن سۆھبەت

ئىنسانلارنىڭ ھەر خىل تەنتەربىيە تۈرلىرى بىلەن ئۆزىنى نامايەن قىلىش تارىخى ئۇزۇن يىللارنى بېسىپ ئۆتۈپ بۈگۈنگە ئۇلاشتى. سىياسى ۋە ئىقتسادىي تەڭسىزلىكتىن خالى ھالدا، ئەمەلىي ئىقتىدار بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغان بۇ خىل مۇسابىقىلەر كىشىلەر تەرىپىدىن ئالقىشلىنىپ، شەخسلەرنىڭ تالانتى بىلەن مىللەت ۋە دۆلەت يۈز تاپىدىغان دەرىجىگە بېرىپ يەتتى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﭘﯩﺪﺍﺋﯩﻲ
2010.06.18
Longqa-Chempiyon-Ekber-bilyart-305 ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺑﯩﻠﻴﺎﺭﺕ ﭼﻮﻟﭙﯩﻨﻰ ﺋﻪﻛﺒﻪﺭﺟﺎﻥ ﺗﺎﻫﯩﺮﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﻳﯩﻞ 6 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 12 ‏ - ﻛﯜﻧﻰ ﮔﻮﻟﻼﻧﺪﯨﻴﻪ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﯩﻚ 2 - ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﭼﯧﻤﭙﯩﻴﻮﻧﻠﯘﻕ ﺗﺎﻟﯩﺸﯩﺶ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﺴﯩﺪﺍ ﺋﯘﺗﻘﺎﻥ ﻟﻮﯕﻘﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﯜﺷﻜﻪﻥ ﺳﯜﺭﯨﺘﻰ.
ﺳﯜﺭﻩﺗﻨﻰ ﺋﻪﻛﺒﻪﺭﺟﺎﻥ ﺗﺎﻫﯩﺮ ﺋﯚﺯﻯ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﯩﮕﻪﻥ.

نەتىجىدە بۇرۇن كۆڭۈل ئىچىش پائالىيىتى شەكلىدە باشلانغان بەزى تۈرلەر، مەخسۇس مۇسابىقە بىلەن ئۈستۈنلۈك تەلەپ قىلىدىغان تۈرلەرگە تەرەققىي قىلدى. ھاكىمىيەتلەرنىڭ قوللىشى بىلەن مەھەللە ۋە قەبىلىلەردىن باشلانغان تۈرلەر خەلقئارا سەھنىلىرىگە ئېلىپ چىقىلدى.

بىليارت مۇسابىقىسى مەخسۇس يۇقىرى تەبىقىدىكىلەرنىڭ ئويۇنى بولۇپ، قۇللۇق ۋە مۇستەملىكىدە خورلىنىۋاتقان بىر مىللەت ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن ھەپىلىشىش، ئۇنىڭدا نەتىجە قازىنىش تەسەۋۋۇردىن كۆپ ئۇزاقتا ئىدى. ئەمما بۇ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن رېئاللىققا ئايلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا.

بۇ يىل 6 - ئاينىڭ 12 ‏ - كۈنى گوللاندىيە دۆلەتلىك 2 - دەرىجىلىكلەر چېمپىيونلۇق تالىشىش مۇسابىقىسىدە ئەكبەرجان ئاتلىق بىر ئۇيغۇر ئوغلانى 2 - لىككە ئېرىشتى.

ئۇ، بۇ يەرگە كەلگەندىن بىرى ھىلۋىرسۇم شەھەرلىك بىر بىليارت كوماندىسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ئۆز تالانتىنى نامايەن قىلغان ۋە كۆپلىگەن رىقابەتچىلىرىنى يېڭىپ چىقىپ، ھىپو ناملىق كوماندىنىڭ نامىدىن بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە قاتناشقان ۋە كۈمۈش لوڭقا بىلەن مۇكاپاتلانغان.

بىر يىل داۋام قىلغان بۇ مۇسابىقە گوللاندىيىنىڭ ئۈترىخت، دەنخاھ، ئامستېردام قاتارلىق چوڭ شەھەرلىرىدە ئېلىپ بېرىلغان.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، ئەكبەرجان بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.