بىڭتۇەندە ھازىر باشقىچە بىرخىل جىددىيلىك مەۋجۇت

خىتايدا مەملىكەت بۇيىچە سىچۈەندە يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان خەلقنى قۇتقۇزۇش بۇيىچە ناھايىتى چوڭ پائالىيەت ئۆتكۈزۈلىۋاتىدۇ. خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى بۇ جەرياندا، خىتاينىڭ مۇھىم ھەربىي سانائەت بازىسى بولغان سىچۈەندە، ئۆزىنىڭ يەر تەۋرەش مەركىزىگە يېقىن جايدىكى يادرو رېئاكتورى تەتقىقات ئورنى، يادرو يېقىلغۇسى ئىشلەپچىقىرىدىغان ئىككى پونكىتى ۋە ئىككى يادرو قورال ئىسكىلاتىنى قۇتقۇزۇۋاتىدۇ.
مۇخبىرىمىز ۋەلى خەۋىرى
2008.05.19

 دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، سىچۈەندە ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلقنى قۇتقۇزۇش پائالىيىتى جەريانىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئەمەلىيەتتە ئۆزىنىڭ سىچۇەندىكى يادرو قوراللىرىنى قۇتقۇزۇشنى ئاساسىي ئورۇنغا قويدى.

ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتايدا مەملىكەت بۇيىچە سىچۈەندە يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان خەلقنى قۇتقۇزۇش بۇيىچە ناھايىتى چوڭ پائالىيەت ئۆتكۈزۈلۈۋاتقاندا، خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەندە ھازىر باشقىچە بىرخىل جىددىيلىك مەۋجۇت.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.