غۇلجىدا بىر ئائىلىدىن بىراقلا 4 كىشى قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان

2009-يىلى «5‏-ئىيۇل ۋەقەسى» يۈز بېرىپ بىر قانچە كۈندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى غۇلجا شەھىرىگە قاراشلىق دادامتۇ يېزىسىدا باستۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، بىر تۈركۈم قىز-ئوغۇل ئۇيغۇر ياشلىرىنى قولغا ئالغان ئىدى.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2012.09.20
Ghulja-weqesi-lentisi-305 1997 - ﻳﯩﻠﻰ ﯞﻩﺗﻪﻧﺪﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﻠﻐﺎﻥ، 5 - ﻓﯧﯟﺭﺍﻝ ﻏﯘﻟﺠﺎ ﯞﻩﻗﻪﺳﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﺳﯩﻨﺌﺎﻟﻐﯘ ﻟﯧﻨﺘﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺳﯜﺭﯨﺘﻰ.
RFA Photo / Erkin Tarim

شۇ قېتىمقى قولغا ئېلىش ھەرىكىتىدە بەزى ئائىلىلەردىن 3-4 كىشى تۇتقۇن قىلىنغان ۋە قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

بىز ئەينى چاغدا قولغا ئېلىنغانلار ھەققىدە خەۋەر بېرىپ، بەزى ئائىلىلەرنى زىيارەت قىلغان ئىدۇق. مەزكۇر يېزىدىكى تۇرغان‏ ئاكا- رۇقىيە ھەدىنىڭ تاشپولات، ئەختەم ئىسىملىك ئىككى ئوغلى، بىر قىزى ۋە كېلىنى بولۇپ جەمئىي 4 پەرزەنتى شۇ قېتىم قولغا ئېلىنىپ، ھەرخىل قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. ئۇلار ھازىر ئۈرۈمچى، سانجى قاتارلىق جايلاردىكى تۈرمىلەردە جازا مۇددىتىنى ئۆتىمەكتە ئىكەن.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز تۇرغان ئاكىنى زىيارەت قىلدۇق ۋە پەرزەنتلىرىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. سۆھبەت ئارىسىدا تۇرغان ئاكا ئۆزىنىڭ چارىسىز قالغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.