ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 5 - ئىيۇل كۈنى نامايىش سائەت 4 تىن بۇرۇن باشلانغان. نامايىشچىلار دەسلەپ ھۆكۈمەتتىن ئىزاھات تەلەپ قىلغان. تەلەپ سۇنۇلۇپ 1 سائەتتىن كېيىن، نامايىشچىلار تۇتقۇن قىلىنىشقا باشلىغان. تۇتقۇندىن قاچقان نامايىشچىلارغا ساقچىلار ئوق چىقارغان.
خەلق مەيدانىدىكى نامايىشچىلارغا ئوق چىقىرىلغانلىق خەۋىرى، شۇنداقلا ئوق ئاۋازى تېلېفون ئارقىلىق شەھەرگە تارقالغاندىن كېيىن ئاھالىلەر پەرزەنتلىرىنى، قېرىنداشلىرىنى بەزىلىرى دوستلىرىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن خەلق مەيدانىغا قاراپ ئاققان؛ ئەمما ساقچىلار يول - يولنى توسۇۋەتكەن.
بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلار مەھەللىسىدە دوقمۇش - دوقمۇشتا توپلانغان ۋە توسۇۋېلىنغان ئۇيغۇرلار نامايىشچىلارغا ئايلانغان. ئۇلار دەسلەپ ساقچىلارغا قارشىلىق كۆرسەتكەن؛ قوراللىق قىسىمغا كۈچى يەتمىگەندىن كېيىن خىتاي پۇقرالىرىغىمۇ ھۇجۇم قىلغان.
شۇ كۈنكى نامايىشقا سائەت 4 تىن 12 گە قەدەر قاتناشقانلىقىنى بىلدۈرگەن بۇ قىز، 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىكى قان تۆكۈلۈشنىڭ ھۆكۈمەت سەۋەپ بولغانلىقىنى، ئەسلىدە نامايىشچىلارنىڭ تېنچلىق شەكلىدە نارازىلىق بىلدۈرۈشتىن باشقا پىلانى يوقلۇقىنى ئەسكەرتتى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.