گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇرلار رامزان ئېيىدا بىرلىك، ئىناقلىق ئۈچۈن خىزمەت قىلدى

مۇبارەك رامزان ئېيى باشلانغاندىن بۈگۈنگە قەدەر، گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلار ھەر كۈنى ئىپتاردا بىرگە بولۇپ، بىرلىك، ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە.

0:00 / 0:00

8-ئاينىڭ 4-كۈنى ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتى ميۇنخېندىكى ئۇيغۇر جامائىتىگە چوڭ ئىپتار بەردى. ئىپتارغا ئەر-ئاياللاردىن بولۇپ 100 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى. تەشكىلات رەئىسى ئابدۇجېلىل قارىھاجىم باشتا سۆز قىلىپ، بىرلىك-ئىتتىپاقلىقنىڭ داۋام قىلىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى. د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئەسقەرجان ئەپەندىمۇ جامائەتنى مۇبارەك رامزان بىلەن قۇتلۇقلىدى.

ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتى ميۇنخېندىكى ئۇيغۇر جامائىتىگە چوڭ ئىپتار بەردى. 2012-يىلى 4-ئاۋغۇست، گېرمانىيە.

بۇ خىلدىكى ئىپتار پائالىيىتى رامزان باشلانغاندىن بېرى ميۇنخېن رايونىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدا داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ، گېرمانىيە ئۇيغۇرلىرىنىڭ مۆتىۋەرلىرىدىن ئەنۋەرجان ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ يىلقى ئىپتار پائالىيىتى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتتى. ئۇ سۆزىدە، گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي بىرلىك روھىدىن كۆپ مەمنۇنلۇقىنى بىلدۈردى. گېرمانىيە ئۇيغۇر ئاياللار كومىتېتىنىڭ رەئىسى گۈلنار خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، بۇ يىلقى رامزانلىق پائالىيەتلەرنىڭ يالغۇز روزا پەرزىنى ئادا قىلىشلا ئەمەس، بەلكى يەنە مول مەزمۇنغا ئىگە سىياسىي پائالىيەت بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ميۇنخېندىكى ئۇيغۇر دىنىي زاتلىرىدىن ھېبىبۇللاھ قارىممۇ بۇ يىلقى رامزان پائالىيىتى توغرىسىدا ئۆز تەسىراتلىرىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىدە، خىتاي زۇلۇمى ئاستىدىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پاتراق ھۆرلۈككە ئېرىشىپ، دىنىي مەجبۇرىيەتلىرىنى ئۆزلىرىدەك ئەركىن-ئازادە ئۆتىيەلەيدىغان بىر زاماننىڭ كېلىشىنى ئاللادىن تىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.