قىرغىزىستاننىڭ بېشكەك شەھىرىدە توقۇنۇش يۈز بەردى

مەلۇم بولۇشىچە، 8 - ئاينىڭ 5 - كۈنى بېشكەك شەھىرىگە توپلانغان مىڭلىغان كىشى مەيدانغا يىغىلىپ، ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش تەشكىللىگەن ھەمدە قىرغىزىستان پرېزىدېنت سارىيىغا كىرمەكچى بولغاندا، ساقچىلار ۋە قوغدىغۇچلار بىلەن توقۇنۇشقان. نەتىجىدە ئىككى تەرەپ ئوز - ئارا ئوق ئېتىشىشقان.
ﺋﯩﺨﺘﯩﻴﺎﺭﻯ ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ ﺋﯩﺴﻠﺎﻡ
2010.08.05
bishkek-toqunush-305 ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ 8 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 5 - ﻛﯜﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺸﻜﻪﻛﺘﯩﻜﻰ ﺗﻮﻗﯘﻧﯘﺷﺘﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ
RFA Photo

مەزكۇر ۋەقە، بۇ يىل 7 - ئاپرىلدىكى خەلق نامايىشى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن جالالئاباد ۋە ئوش رايونلىرىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردىن كېيىنكى قىرغىزىستاندا يۈز بەرگەن ئەڭ يېڭى ۋەقەدۇر.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن، بېشكەكتىكى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرسۇن ئىسلامنىڭ بۇ ھەقتىكى تەپسىلىي مەلۇماتىنى ئاڭلايسىلەر.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.