بىشكەكتە كىشىلىك ھوقۇق كۈنىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى

يېقىندا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئومۇمى خىتابنامىسى ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيانىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا تۈرلۈك پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلۈپ، كىشىلىك ھوقۇق كۈنىنى خاتىرىلىگەن ۋە ھەر قايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنى كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسىنىڭ روھىغا ھۆرمەت كۆرسىتىشكە چاقىرغان ئىدى.

0:00 / 0:00

بۇ تۈردىكى يىغىنلارنىڭ بىرى ئالدىنقى كۈنى قىرغىزىستان پايتەختى بېشكەك شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن. قىرغىزىستان كىشىلىك ھوقۇقى پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشىدىكى بۇ يىغىندا دوكلات بەرگۈچىلەر قىرغىزىستاندا كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش پرىنسىپلىرىنىڭ بۇزۇلۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بېشكەكتىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز تۇرسۇن ئىسلامنىڭ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىنى ئاڭلايسىز.