13 - دېكابىر قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى ئىتتىپاق جەمئىيىتىنىڭ نۆۋەتتىكى يىغىنى ئېچىلغان

13 - دېكابىر قىرغىزىستاننىڭ بېشكەك شەھىرىدە قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى ئىتتىپاق جەمئىيىتىنىڭ نۆۋەتتىكى يىغىنى ئېچىلغان. يىغىندا مەزكۇر ئىتتىپاق جەمئىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىلگىرى ئېچىلغان قۇرۇلتاينىڭ روھىي خۇلاسىلانغان ۋە ئىتتىپاق جەمئىيىتى قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەرگە قاراپ چىقىلغان.

0:00 / 0:00

يىغىندا ئىتتىپاق جەمئىيىتى رەئىسى دىلمۇرات ئەكبەروف قۇرۇلتاينىڭ دۆلەت قۇرۇلتىيى دەرىجىسىدە ئېچىلغانلىقى، يىغىنغا پرېزىدېنت قۇرمانبېك باقيىفىنىڭ ۋەكىلى قاتناشقاندىن سىرت يەنە، قىرغىزىستان باش مىنىستىرنىڭ تەبرىك تېلېگراممىسى ئوقۇپ ئۆتۈلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.