ماكاۋ گېزىتلىرى بو شىلەينىڭ قارا گۇروھلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئاشكارىلىماقتا

خىتاينىڭ خوڭكوڭدىن باشقا يەنە بىر ئالاھىدە رايونى بولغان ماكاۋدا ئېنگىلىزچە ۋە خىتايچە چىقىدىغان گېزىتلەردە، خىتاينىڭ مەركىزى كومىتېت سىياسىي بيۇرو ئەزاسى بو شىلەينىڭ ماكاۋدىكى قىمارخانىلاردىن نېرى كەتمەيدىغان قارا گۇروھلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە خەۋەرلەر ئېلان قىلىندى.

0:00 / 0:00

ئامېرىكا ئىقتىسادشۇناسى نوۋرىەل راۋبىنمۇ «ئىقتىساد كۆزەتكۈچىسى» ژۇرنىلىدا، بو شىلەينىڭ ماكاۋغا چېتىشلىق مەسىلىلىرى ھەققىدە يېزىلغان بىر ماقالىنى ئېلان قىلدى.

تۈنۈگۈندىن باشلاپ ماكاۋ گېزىتلىرىدە بو شىلەينىڭ، خىتاينىڭ چۇڭچىڭدىكى ھەربىي قورال زاۋۇتلىرى بىلەن بىۋاستە ئالاقىسى بار، ماكاۋدىكى قىمارخانىلاردىن نېرى كەتمەيدىغان قارا گۇرۇھلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يىپ ئۇچى ئاشكارىلىنىشقا باشلىدى. بۇ خەۋەرلەردە، ئامېرىكىنىڭ چېڭدۇدىكى كونسۇلخانىسغا ئىلتىجا سۇنغان چۇڭچىڭنىڭ ساقچى باشلىقى ۋاڭ لىجۈننىڭ بىر تەرەپ قىلىنىشى، گەرچە ھازىر تېخى ئېنىق بولمىسىمۇ، ئەمما خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ كۈچلۈك ئەمەلدارلىرىنىڭ بىرى بولغان بو شىلەي ئاللىقاچان يېقىلدى دەپ بايان قىلىندى.

ئېنگىلىزچە چىقىدىغان «ماكاۋ گېزىتى»نىڭ بۈگۈنكى سانىدا، سۇن چۈي يازغان «يېقىلغان ئەمەلدار بو شىلەينىڭ ماكاۋغا چېتىلىدىغان مەسىلىلىرى» سەرلەۋھىلىك ماقالىسى بېسىلدى.

ئۇنىڭدا، بو شىلەي بىلەن خې خۇخۇانىڭ مۇناسىۋىتىگە دائىر فوتو رەسىملەر ۋە سۆز تېكىستلىرى، قىمار تىجارىتىنى ئاساس قىلغان ماكاۋ ئالاھىدە رايون باشلىقى خې خۇخۇانىڭ، بو شىلەي چۇڭچىڭدا قوزغىغان «قىزىل ناخشا ئېيتىش، قارا گۇرۇھلارغا زەربە بېرىش» ھەرىكىتىنى قەتئىي قوللىغان سۆز تېكىستلىرى ئەسلەپ ئۆتۆلگەن ۋە خې خۇخۇا چۇڭچىڭدا بو شىلەي بىلەن بىرلىكتە قىزىل ناخشا ئېيتىشقا قاتناشقان كۆرۈنۈشلەر قايتىدىن كۆرسىتىلگەن.

بۇ ماقالىدە، 2 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، بو شىلەي تېخى مەنسەپتىن قالدۇرۇلمىغان، بەلكى تېخىچە ئاتىسىدىن مىراس قالغان سىياسىي تەسىرىنى ھەدەپ كېڭەيتىۋاتقان ئەھۋال ئاستىدا، خې خۇخۇا بىلەن چۇڭچىڭدا كۆرۈشكەندە تارتىلغان فوتو رەسىمگە ئالاھىدە ئورۇن بېرىلگەن. شۇنداقلا، ئۇلارنىڭ بۇنداق ئالاھىدە ۋەزىيەتتە نېمە دېيىشكەنلىكى ئېنىق ئەمەس، بۇنى ئېنىقلاش لازىم دەپ كۆرسىتىلگەن.

ئامېرىكا ئىقتىسادشۇناسى نوۋرىەل راۋبىنمۇ بۈگۈن «ئىقتىساد كۆزەتكۈچىسى» ژۇرنىلىدا، «ئاسىياغا نەزەر» ژۇرنىلىنىڭ تەتقىقاتچىسى كېۋىن يەننىڭ «كوممۇنىست خىتاي مىراسخورى، مافىيا بو شىلەي يېقىلدى» سەرلەۋھىلىك ماقالىسىنى باستى. بۇ ماقالىدە، ماكاۋ خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەندىن كېيىن، ئەينى ۋاقىتتىكى باش مىنىستىر جۇ رۇڭجى ماكاۋنىڭ باش مەمۇرلىقىغا تاللىۋالغان خې خۇخۇا، خىتاينىڭ ئازادلىق ئارمىيە مارشالى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش رەئىسى يې جەنيىڭنىڭ ئوغلى، ئەينى ۋاقىتتىكى گۇاڭدۇڭنىڭ ئۆلكە باشلىقى يې شۇەنپىڭ ۋە يې جەنيىڭنىڭ كيوئوغلى زۇ جاخۇالار بىلەن پەۋقۇلئاددە مۇناسىۋەتتە بولۇپ كەلگەنلىكى، خىتاي مەركىزى كومىتېت سىياسىي بيۇرو ئەزاسى بو شىلەي چۇڭچىڭ شەھىرىدە «قىزىل ناخشا ئېيتىش، قارا گۇرۇھلارغا زەربە بېرىش» ھەرىكىتىنى باشلىغاندىن كېيىن، ئۇ يەنە خې خۇخۇا بىلەن پەۋقۇلئاددە مۇناسىۋەتتە بولغانلىقىنىڭ يىپ ئۇچىلىرى كۆرسىتىلدى.

بۇ ماقالىدە يەنە، چۇڭچىڭ شەھىرىدە «قىزىل ناخشا ئېيتىش، قارا گۇروھلارغا زەربە بېرىش» ھەرىكىتىنى ئېلىپ بېرىۋاتقان بو شىلەينىڭ يېقىن سەپدېشى ۋاڭ لىجۈن، يې جەنيىڭنىڭ ئوغلى ئىدارە قىلىدىغان چۇڭچىڭدىكى ھەربىي قورال زاۋۇتلىرى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋىتى بار، ئادەتتە ماكاۋدىكى قىمارخانىلاردىن نېرى كەتمەيدىغان ئەڭ چوڭ قارا گۇرۇھ كاتتىۋىشى ۋېن جېنجې بىلەن يېقىن دوست بولغانلىقى، ھەرىكەتتە ئۇنىڭغا ھەرگىز چېقىلمىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

بۇ ماقالىدە يەنە، چۇڭچىڭدا ئېلىپ بېرىلغان قارا گۇرۇھلارغا زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە قوغداپ قېلىنغان ئەڭ چوڭ قارا گۇرۇھ كاتتىۋىشى ۋېن جېنجيې، خىتاي رەئىسى بولۇشنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان شى جىنپىڭنىڭ ئۇكىسى شى يۇەنپىڭنىڭ بىرلىكتە ئىدارە قىلىۋاتقان مۇھىت ئاسراش شىركىتى، «قىزىل ناخشا ئېيتىش، قارا گۇرۇھلارغا زەربە بېرىش» ھەرىكىتىدە ئۆزىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن، چۇڭچىڭ ساقچى قىسىملىرىغا يۈز مىليون يۇەن ئىنانە بەرگەن دەپ بايان قىلىنغان.