ئۇيغۇر ۋەتىنىدىكى ئاھالىلەردىن يەنە 3 مىليون 432 مىڭ كىشى مەينەت سۇ ئىچىدۇ

خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرى ئۇيغۇر ۋەتىنىدىكى ئاھالىلەرنىڭ ئۈچتىن بىرىنىڭ ئىچىملىك سۇ مەسىلىسىنىڭ تېخى ھەل بولمىغانلىقىنى ئېلان قىلماقتا.
ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2011.11.24
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

15 - نويابىر شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقى، 16 - نويابىر خەلق گېزىتى ئۇيغۇر ۋەتىنىدىكى 1 مىليون 200 مىڭ ئاھالىنىڭ پاكىز تۇرۇبا سۈيىگە ئېرىشىپ، يازدا ئېرىق سۈيىدىن، قىشتا قار - مۇز سۈيىدىن پايدىلىنىپ تۇرمۇش كۆچۈرىدىغان ھاياتقا خاتىمە بەرگەنلىكىنى تەنتەنە بىلەن ئېلان قىلغان ئىدى. بۇ خەۋەر بۈگۈنمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسلىق تور بەتلىرىدە خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلغان زور غەمخورلۇقى ۋە چوڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە كۆزگە چېلىقىپ تۇرماقتا.

«شىنجياڭدا بۇ يىل يەنە 1 مىليون 200 مىڭ دېھقان، چارۋىچى پاكىز سۇ ئىچەلەيدىغان بولدى» ناملىق خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ۋەتىنىدىكى ئاھالىلەردىن يەنە 3 مىليون 432 مىڭ 600 كىشىنىڭ ئىچىملىك سۇ مەسىلىسى ھەل بولمىغان. خەۋەردە بۇلارنىڭ يازدا ئەپكەش بىلەن ئېرىق سۇلىرىنى، قىشتا قار - مۇزلارنى توشۇپ ئەكىرىپ، ئېرىتىپ، سۈزۈلدۈرۈپ تاماق ئېتىپ يەيدىغانلىقى ۋە ئىچىملىك ئېھتىياجىنى قامدايدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. بۇ مۇشەققەتلەرنى تارتىۋاتقانلارنىڭ يەرلىك دېھقانلار ۋە چارۋىچىلار ئىكەنلىكى ئېنىق بايان قىلىنغان.

ئۇيغۇر ۋەتىنىدە ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ئەقەللى ھاياتلىق ئېھتىياجىنى قامدايدىغان سۇ مەسىلىسى تېخى ھەل بولمىغان بىر ئەھۋالدا، خىتاينىڭ دۇنياغا ئۇيغۇر دىيارىنى باياشات، خەلقىنى بەختلىك كۆرسىتىشلىرى ۋە ئۇيغۇر ۋەتىنىنى مەركىزى ئاسىيادىكى ئەڭ تەرەققىي تاپقان بىر رايونغا ئايلاندۇرماقچى بولغانلىقى گۇمان قوزغايدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى خىتايدىكى 19 ئۆلكە، شەھەرنىڭ مەبلىغىنى جەلىپ قىلىپ، ئۇيغۇر ۋەتىنىدە ھالقىما تەرەققىياتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ئۇيغۇرلار نوپۇسىنىڭ ئۈچتىن بىرىنىڭ مەينەت سۇ ئىچىپ ياشاۋاتقانلىقى كىشىنىڭ ھەقىقەتەن ئەقلىدىن ئۆتمەيدۇ. ھەيران قالارلىقى، ئىچىملىك سۇ مەسىلىسى ھەل بولمىغانلار ئارىسىدا خىتاي ئاھالىسى ۋە خىتاينىڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنلىرىنىڭ بىرىمۇ يوق.

خەۋەردە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ۋەتىنىدىكى ئاھالىنىڭ ئىچىملىك سۇ مەسىلىسىگە ھازىرغا قەدەر ئاران 600 مىليون يۈەن مەبلەغ سالغان. ئەكسىچە، ئۇيغۇر ۋەتىنىنىڭ تەبىئىي بايلىقلىرىنى قېزىش، يۆتكەشكە قانچە ئون مىليارد يۈەن مەبلەغ ئاجراتماقتا. ئاپتونوم رايونلۇق سۇچىلىق نازارىتىنىڭ بۇ خۇسۇستىكى مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، يەنە ئۈچ يېرىم مىليون ئۇيغۇر ئاھالىسىنىڭ ئىچىملىك سۇ مەسىلىسى «12 - بەش يىللىق پىلان» نىڭ ئاخىرىغىچە ئورۇنلىنىدىكەن.

خىتاي تور بەتلىرى 25 - سىنتەبىر كۈنى قەشقەردىن مول سۇ مەنبەسىنى بايقىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندا، ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلىرى خىتاينىڭ بۇ يالغان خەۋەر ئارقىلىق خىتايدىن قەشقەرگە تېخىمۇ كۆپلەپ ئاھالە كۆچۈرۈپ، بۇ شەھەرنى مىللىي ئاتموسفىرا ۋە مىللىي مەدەنىيەت ئۈستۈنلۈكىدىن مەھرۇم قالدۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. خىتاينىڭ ئەسلىدىنلا يەر ئۈستى سۈيى كەمچىل بولغان مەركىزى ئۇيغۇر شەھەرلىرىگە ھەسسىلەپ مەبلەغ سېلىپ، يەر ئۈستى سۇ مەنبەسى مول بولغان يېزا - كەنتلەردىكى خەلقنىڭ ئىچىملىك سۇ مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلمەسلىكى چەتئەلدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدا ئوخشىمىغان كۆز قاراشلارنى پەيدا قىلماقتا. گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئوسمانجان مەمەت ئەپەندى بۇ توغرىسىدا مۇنداق دېدى:

- دۇنياغا ئۆزىنى چوڭ دۆلەت، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت دەپ تونۇتۇشقا تېرىشىۋاتقان خىتاينىڭ بىر مىليون خەلقنىڭ سۇ مەسىلىسىنى ھەل قىلدۇق، دەپ جاكارلىشى ئەسلىدە تولىمۇ نومۇسلۇق بىر ئىش. يەنە كىلىپ، خىتاي ئىقتىسادىغا تايانچ بولۇۋاتقان، خىتايدىكى ئېنىرگىيىنىڭ ئاساسى مەنبەسى بولغان، خىتاينى تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتقان شەرقىي تۈركىستاندىكى خەلقنىڭ ئىچىملىك سۇ مەسىلىسىنىڭ تېخى ھەل بولمىغانلىقىنى ئاشكارىلىشى تېخىمۇ شەرمەندىچىلىك. دۇنيادا تەرەققىي قىلغان ھېچبىر دۆلەتتە پۇقرالارنىڭ ئىچىملىك سۇ قېيىنچىلىقى مەسىلىسى، توك قېيىنچىلىقى مەسىلىسى، ئىسسىنىش قېيىنچىلىقى مەسىلىسى دېگەندەك مەسىلىلەر مەۋجۇت ئەمەس. بۇنداق مەسىلە مەۋجۇت بولغان دۆلەت تەرەققىي قىلغان دۆلەتمۇ ھېسابلانمايدۇ. خىتاينى سەمىرىتىۋاتقان ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندا بۇنىڭدىن كۆپ مەسىلە مەۋجۇت. بۇ مەسىلىلەرنى ئۈزۈل - كېسىل ھەل قىلىشنىڭ بىردىن - بىر چارىسى خىتاينى ۋەتىنىمىز تۇپراقلىرىدىن قوغلاپ چىقىرىش.

«شىنجياڭدا بۇ يىل يەنە 1 مىليون 200 مىڭ دېھقان، چارۋىچى پاكىز سۇ ئىچەلەيدىغان بولدى» ناملىق خەۋەردە، ئىچىملىك سۈيى مەسىلىسى ھەل بولغان چاقىلىق ناھىيىسى مىسال سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان. چاقىلىق ناھىيىسىدە سۇ مەسىلىسىنىڭ ھازىرغا قەدەر ھەل بولماسلىقىدىكى ئاساسى سەۋەب نېمە ئىدى؟ سۇ كەمچىللىكىمۇ ياكى پۇل كەمچىللىكىمۇ؟

بايىنغولۇن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىغا قاراشلىق بۇ ناھىيە توغرىسىدىكى رەسمىي ماتېرىياللارغا نەزەر سالساق، چاقىلىق ناھىيىسى 202300 كۋادىرات كىلومېتىر كۆلەمگە ئىگە بىر ناھىيە بولۇپ، ئۇيغۇر ۋەتىنى دائىرىسىدىلا ئەمەس، خىتاي بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ، ئادەم سانى ئەڭ شالاڭ ناھىيە ھېسابلىنىدۇ. ھەر كۋادىرات كىلومېتىر يەرگە 0.13 كىشى توغرا كېلىدۇ. ۋەتىنىمىزدىكى تاشپاختا كانلىرىنىڭ بىرى. بۇ ناھىيىنىڭ تارىختىكى نامى پىشامشان ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى 1959 - يىلى چاقىلىق دېگەن نامغا ئۆزگەرتىۋەتكەن. بۇ ناھىيىدە كرورەن قەدىمقى شەھەر خارابىسى، مىرەن قەدىمقى قەلئە خارابىسى، ئالتۇنتاغ تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى قاتارلىق داڭلىق جايلار بار. بۇ ناھىيىدىكى ئىچىملىك سۇ مەسىلىسىگە دۇچار بولغان ئاھالىلەر پەقەتلا ئۇيغۇر دېھقانلىرى ۋە چارۋىچىلاردۇر. بۇ ناھىيىنىڭ سۇ مەسىلىسىنىڭ ھەل بولماسلىقى سۇنىڭ قىسلىقىدىن ئەمەس، بەلكى سۇ ئىنشائاتلىرىغا مەبلەغ سېلىنمىغانلىقى ۋە ئەسلىدىنلا تولىمۇ نامرات بولغان يەرلىك ئاھالىنىڭ ئۆز ئالدىغا پاكىز سۇ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئىقتىسادى قۇربىتىنىڭ يەتمەسلىكىدىندۇر. ئەمەلىيەتتە، ناھىيىنىڭ يەر ئۈستى سۇ بايلىقى مىقدارىنىڭ 370 مىليون كۇپمېتىردىن ئاشىدىغانلىقى خىتاي تەتقىقاتچىلىرى تەرىپىدىن 10 يىل بۇرۇنلا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى.

بۇ ناھىيىگە جايلاشقان خىتاينىڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى، بۇ ناھىيىگە ئىچكىرىدىن ئېقىپ كېلىپ قاراقويۇق ئالتۇن قازغۇچى خىتاي پۇقرالىرى ئەزەلدىن ئىچىملىك سۇ قېيىنچىلىقىغا يولۇقۇپ باقمىغان. ئەكسىچە، ئومۇمى نوپۇسى 10 مىڭغا ئاران ئۇلىشىدىغان ئۇيغۇر چارۋىچى ۋە دېھقانلىرىنىڭ سۇ مەسىلىسى 21 - ئەسىرنىڭ بۈگۈنكى كۈنىدە تەستە ھەل بولغان. بۇ ھادىسە كىشىلەرنى ئويغا سالماي قالمايدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.