ياپونىيە پارلامېنتى ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى ئۆتكەن ئاينىڭ 31-كۈنى پارلامېنتتا يىغىن ئۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت ھەققىدىكى دوكلاتى ۋە تەلەپلىرىنى ئاڭلىغان. ياپونىيەگە بىر ھەپتىلىك پائالىيەت ئۈچۈن كەلگەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندى شۇ كۈنكى يىغىندا سۆز قىلىپ شەرقىي تۈركىستاندا داۋام قىلىۋاتقان ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى، خىتاينىڭ بۇ قىرغىنچىلىقنى پەدەزلەش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان تەشۋىقات ئويۇنلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن ۋە مەزكۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى ۋە ياپونىيە خەلقىگە ئۇيغۇر خەلقى نامىدىن مىننەتدارلىق بىلدۈرگەن. ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەخمەتجان لېتىپ ئەپەندىمۇ بۇ يىغىندا سۆز قىلىپ، ياپونىيەنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى خەلقئارا كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىشى، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختىتىشنىڭ ئەمەلىي چارە-تەدبىرلىرىنى بېكىتىشى قاتارلىق تەلەپلەرنى سۇنغان.
دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى كېيجى فۇرۇيا (Keiji Furuya) ئەپەندىگە، بۇ يىل 3-ئاينىڭ 30-كۈنى خىتاي تەرىپىدىن جازا ئېلان قىلىنغان ئىدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ جازا فۇرۇيا ئەپەندىگە خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا قارشى ھەرىكەت قىلغانلىقى، جۈملىدىن تەيۋەن مۇستەقىلچىلىرىنى قوللىغانلىقى ئۈچۈن بېرىلگەن ئىدى. مەزكۇر جازا تەدبىرىدە، ئۇنىڭ خىتايغا كىرىشى چەكلەنگەن ۋە خىتاي تەۋەلىكىدە مال-مۈلكى بار بولسا توڭلىتىلىدىغانلىقى قارار قىلىنغان ئىدى. كېيجى فۇرۇيا ئەپەندى، بۇ قېتىمقى يىغىندا خىتاي يولغا قويغان بۇ جازالارنىڭ ئۇنى ھەق تەرەپتە تۇرۇشتىن، يەنى ئۇيغۇرلارنى قوللاشتىن ۋاز كەچتۈرەلمەيدىغانلىقىنى بايان قىلغان.
ياپون-ئۇيغۇر مۇناسىۋەتلىرى تەتقىقاتچىسى دوكتور ھاجى قۇتلۇق خىتاينىڭ مەزكۇر جازا ئېلانىدا ئۇنىڭ تەيۋەندىكى زىيارەتلىرى تىلغا ئېلىنغان بولسىمۇ، خىتاينىڭ ئەسلى ئەندىشىسىنىڭ ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن داۋام قىلىۋاتقان ھەمكارلىقى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ئىدى.
