' بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا قاراتقان كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى ئىنتايىن زەئىپ ۋە تۇتۇرۇقسىز بولدى'

بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ 8 يىللىق ھاكىمىيەت تارىخىغا قارايدىغان بولساق، بۇش ھۆكۈمىتى ئامېرىكىدا ھاكىمىيەت تۇتقان بۇ جەرياندا خىتاي تەرەپ بىلەن پەقەت ئىككى قېتىم كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگى ئېلىپ بارغان بولۇپ، ئامېرىكا دائىرىلىرى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە خىتايغا ئانچە كۈچلۈك بېسىملارنى ئىشلىتەلمىگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2009-01-13
Share
Xitay-amerika-john-305 2008 - ﻳﯩﻠﻰ 8 - ﻳﺎﻧﯟﺍﺭﺩﺍ، ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻯ ﺟﻮﻥ ﻧﯧﮕﺮﻭﭘﺎﻧﺘﯧﻲ ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﺪﺍ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ-ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺩﯦﭙﻠﻮﻣﺎﺗﯩﻴﻪ ﺋﻮﺭﻧﺎﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ 30 ﻳﯩﻠﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﺵ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﯩﺪﻩ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﭘﺮﯦﺰﯨﺪﯦﻨﺘﻰ ﺷﯩﺠﯩﻨﭙﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯚﻫﺒﻪﺗﺘﻪ.
AFP Photo

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ دېموكراتىيە، كىشىلىك ۋە ئەمگەك ھوقۇقىغا مەسئۇل مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى داۋىد كرەيمېر David Kramer، جورج بۇش ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن، 2002 - يىلى تۇنجى قېتىم ۋە 2008 - يىلى مايدا ئاخىرقى قېتىم خىتاي تەرەپ بىلەن "ئامېرىكا - خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگى" ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى، ئەمما مەزكۇر دىئالوگلاردا كۆزلىگەن نەتىجىلەر ھاسىل بولمىغانلىقى سەۋەبىدىن، دىئالوگنى توختىتىپ قويۇشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

داۋىد كرەيمېرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا دائىرىلىرى خىتاي تەرەپتىن كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ياخشىلاشنى تەلەپ قىلغاندا، خىتاي تەرەپ ئامېرىكىنىڭ ئۆزلىرىنى تۆۋەن كۆرگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

داۋىد كرەيمېر: "دىئالوگ ھېچقانداق نەتىجە بەرمىدى"

داۋىد كرەيمېر: "دىئالوگ ھېچقانداق نەتىجە بەرمىدى. شۇڭا بىز خىتاي بىلەن بۇ خىلدىكى دىئالوگلارنى يەنە ئۆتكۈزۈشنى توختىتىپ قويدۇق. بىز دىئالوگدىن نەتىجە كۈتىدىغانلىقىمىزنى تەكىتلىسەك، خىتاي تەرەپ بولسا بىزدىن باراۋەر مۇئامىلە ۋە ئۆز - ئارا ھۆرمەت تەلەپ قىلدى. بىزمۇ پەقەت كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىدىن نەتىجە كۈتىدىغانلىقىمىزنى، ئەمەلىيەتتە ئۆز - ئارا ھۆرمەت ئاساسىدا ئوتتۇرىغا قويغانلىقىمىزنى بىلدۈردۇق."

بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە خىتايغا قاراتقان سىياسىتى جەھەتتە مەغلۇپ بولغانلىقىنى كۆرسەتكەن، باش شتابى ئامېرىكىنىڭ نيۇ - يورك شەھىرىگە جايلاشقان كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى( Human Rights Watch) ئاسىيا بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى سوفىي رىچاردسون Sophie Rechardson خانىم، ئەگەر بۇش ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئامېرىكا - خىتاي دىپلوماتىيىسىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە سىڭدۈرۈۋەتكەن بولسا، كۆزلىگەن نەتىجىگە ئېرىشىلگەن بولىشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.


ئۇ مۇنداق دېدى: " مەنچە، سابىق ھۆكۈمەت (بۇش ھۆكۈمىتى) كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى پەقەت كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگلىرىدىلا ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى باشقا دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەردىن ئايرىپ، پەقەت ئالاھىدە سورۇنلاردىلا ئوتتۇرىغا قويۇش خاھىشىغا ئىنتايىن قۇلايلىق شارائىت يارىتىپ بەردى. ئەگەر بۇنداق بولغاندا سىز مەزكۇر مەسىلىلەرگە يېتەرلىك دىققەت ئاجرىتالمايسىز - دە."

لېكىن، داۋىد كرەيمېرنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇشىچە، گەرچە "ئامېرىكا - خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگى" 2008 - يىلى 5 - ئايدا ئېلىپ بېرىلىپ كۆزلىگەن نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك دائىرىلىرى، ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەتلەرنىڭ سىياسىي ئەھۋالىغا ھەمدە خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ مەزكۇر رايونلاردا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈشنى توختاتمىغان.

داۋىد كرەيمېر: " خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتى، مەزكۇر رايوندىكى خەلقلەر ئارىسىدا دەرد - ئەلەم ۋە جېنىدىن تويۇش ھالەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن"

ئامېرىكا مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى داۋىد كرەيمېر بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: " بىز شىنجاڭنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتىمىز. بولۇپمۇ بۇ رايوندا تۇتۇلغان ئۇيغۇرلار سانى ھەققىدىكى دوكلاتلارغا قارايدىغان بولساق، 2008 - يىلى تۇتۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 2007 - يىلىغا قارىغاندا بىر ھەسسە كۆپ بولغان."

داۋىد كرەيمېر يەنە، يۇقىرىقى مەسىلىلەرنى بىر ئاي ئىلگىرى خىتاي تەرەپنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئەمەلدارلىرى ۋە خىتاينىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بىلەن كۆرۈشكەندە ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى ھەمدە خىتاي تەرەپنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان بۇ خىلدىكى قاتتىق سىياسەتلىرىدىن تەشۋىشلەنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

داۋىد كرەيمېر، " بىزنىڭچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتى، مەزكۇر رايوندىكى خەلقلەر ئارىسىدا دەرد - ئەلەم ۋە جېنىدىن تويۇش ھالەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى ھەمدە مەزكۇر رايوننىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن." دەيدۇ.

سوفىي رىچاردسون:"بۇ، بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدا كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتىكى ساداقىتىنىڭ ئىنتايىن زەئىپ ۋە تۇتۇرۇقسىز ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ"

ھالبۇكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا قاراتقان كىشىلىك ھوقۇق سىياسەتلىرىدىن دېگەندەك رازى ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

بۇ ھەقتە توختالغان كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئاسىيا بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى سوفىي رىچاردسون خانىم، 7 - يانۋار، ئامېرىكا - خىتاي دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەنلىكىنىڭ 30 يىللىق خاتىرە مۇراسىمى ئۈچۈن خىتاي پايتەختى بېيجىڭغا بارغان ئامېرىكا مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون نېگروپونتېنىڭ، ئۆز زىيارىتى جەريانىدا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا سىياسىي ۋە ئەخلاقى جەھەتتىن چۈشەندۈرۈپ بەرگىلى بولمايدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.

رىچاردسون خانىم، نېگروپونتېنىڭ بۇنداق قىلىشىنىڭ بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا قاراتقان ئاجىز ھەم تۇراقسىز كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە مۇنداق دېدى: " بۇ، بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدا كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتىكى ساداقىتىنىڭ ئىنتايىن زەئىپ ۋە تۇتۇرۇقسىز ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ يەنە، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئۇچرىغان شەخسلەرنىڭ مەسىلىسىنى پەقەت سىياسىي جەھەتتە قۇلاي بولسا ئوتتۇرىغا قويىدىغان ۋە ياكى ئەركىن پىكىر قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق مۇھىم ھوقۇقلارنى تىلغا ئالماي پەقەت دىنىي ئەركىنلىكى مەسىلىسىنى تەكىتلەيدىغان بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ تىپىك كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ".

"كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى نېگىزلىك ھالدا خىتاي سىياسىتىنىڭ ھەممە تەرىپىدە ئەكس ئەتتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز"

ئوباما ھۆكۈمىتى بۇ يىل 20 - يانۋار رەسمىي ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىدىغان بولۇپ، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ئوباما ھۆكۈمىتى ئىش بېجىرىشنى باشلىغاندىن كېيىن ئىشلارنىڭ ئىلگىرىكىگە قارىغاندا پەرقلىق بولۇشىنى ئۈمىد قىلماقتا.

ئوباما سايلام رىقابىتى جەريانىدا ئۆزىنىڭ خىتاي سىياسىتىنى شەرھىلىگەن ھەمدە خىتايدا كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقى ھەققىدە توختالغان ئىدى.

ئۇ يەنە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىغا يېقىندىن ئارىلىشىپ كەلگەن كىشىلىك ھوقۇق تەرغىباتچىسى سۇسەن رايسنى ئامېرىكىنىڭ دائىملىق ۋەكىلى قىلىپ تەيىنلىگەن ئىدى.

بۇ ھەقتە توختالغان سوفىي رىچاردسون خانىم، ئۆزلىرىنىڭ ئوباما ھۆكۈمىتىدىن ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە پەقەت بۇش ھۆكۈمىتى مەغلۇپ بولغان تەرەپلەردىلا ئەمەس، بەلكى يەنە ئىلگىرىكى ھۆكۈمەتلەر نەتىجە قازىنالمىغان تەرەپلەردىمۇ ئۇتۇق قازىنىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: "بىز ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى نېگىزلىك ھالدا خىتاي سىياسىتىنىڭ ھەممە تەرىپىدە ئەكس ئەتتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز. مەسىلەن پىكىر ئەركىنلىكى، ئىقتىسادى ئىگىلىك ۋە سودا ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئوخشاشلا مۇھىم"

رىچاردسون خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئوباما ھۆكۈمىتىنى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىدىن تولۇق خەۋەردار قىلىش ھەمدە بۇ يىل فېۋرالدا جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ "خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا قەرەللىك قارار چىقىرىش يىغىنى" دا خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى تولۇق ئوتتۇرىغا قويۇش جەھەتتە ئوباما ھۆكۈمىتىگە قارىتىپ تەكلىپ - پىكىرلەرنى يوللىغان.


پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت